ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان ساپا تەلىپى
.1 يېڭىلىق يارىتىش تونۇشىنى تىكلىشى كېرەك
ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئاددىي بولغان شەكىللەرنى ياسىيالايدىغان، ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئامىللىرىنى ۋە غەيرىي ئەقلىي ئامىللىرىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
. 2 ئەخلاقىي تەربىيە تونۇشىنى تىكلەش ۋە داۋاملىق يېڭىلاش لازىم
ئەخلاقىي تەربىيە ھەرقانداق كىشى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت مىزانى، ئادەم مەيلى قانچىلىك يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئەخلاقى ياخشى بولمىسا، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكىتى ياخشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە ئۈلگە بولىدۇ. ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچى ئەخلاقىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەخلاقىي ئىپادىسى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ياخشى ئەخلاقىي تونۇشىنى تىكلەش ۋە داۋاملىق يېڭىلاش كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش تونۇشىنى تۇرغۇزۇش. ئوقۇتقۇچى ھەممىدە ئوقۇغۇچىلارنى كۆزلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەلىمتەربىيە ئېلىىپ بېرىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، تۆۋەن سەۋىيىلىك ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈم تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.
4. خالىس تۆھپە، شەخسىي مەنپەئەتكە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
ئوقۇتقۇچى پەقەت پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان، ھەممىدە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان، ھەربىر ئىشنى قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان پايدىسىنى ئويلاپ قىلىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى قەتئىي يۇقتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇ ئادەم تەربىيىلەيدىغان بولغاچقا، ئۆزىدە چوقۇم خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
5. ئۆزىنى ئىززەتلەش، ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەش، ئۆزىنى ساقلاش تونۇشىنى تۇرغۇزۇش.
بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نەزەرىيە ۋە ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم. ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بىلىملەر ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە كۆزقاراش، يېڭى تەتقىقات مەزمۇنلىرى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا سىڭىپ كىرمەكتە. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بۇرۇنقى بىلىملىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى كەسىپكە لايىق بولغان ئىدىيىۋى كۆزقاراشنى تىكلەش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشى، شۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى تونۇش ۋە ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى چوڭقۇر، توغرا بولغان ماتېماتىكىلىق مائارىپ نەزەرىيىسىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن ئىش كېلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك.
6. ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى پىششىق بىلىش
ھازىرقى زامان ئۆزگەردى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭغا ماس ھالدا كونا ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئىگىلىدى. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن كومپيۇتېر، كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلاردىن خەۋىرى بولۇشى، شۇنداقلا نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنالايدىغان بولۇش كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى، ماتېماتىكا ساھەسىدە پەيدا بولغان يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىققا كۆچۈشى، مائارىپنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىش، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زامان ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ۋاسىتىلىرىنى دەسسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
(تەھرىر : يانتاق)
«ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان ساپا تەلىپى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسىلە يېشىش
- ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىس
- ماتىماتىكا ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇر
- ماتىماتىكا دەرىس ئوقۇتىشىدا دىققە
- ماتىماتىكا ئۆگۈنۈشتە كۆرۈلىدىغاب
- ئوقۇغۇچىلارنى ماتىماتىكا دەرىسىگ
- ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ت
- قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان سا
- 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- 浅谈农村小学数学教学
- 浅谈小学数学课堂有效教学
- 浅析数学教师的教学思维
- ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆت
- ماتېماتكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللى
- ماتېما تىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇسۇ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
沙漠王子 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-11 16:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-07 12:05
- ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىس
- ماتىماتىكا ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇر
- ماتىماتىكا دەرىس ئوقۇتىشىدا دىققە
- ماتىماتىكا ئۆگۈنۈشتە كۆرۈلىدىغاب
- ئوقۇغۇچىلارنى ماتىماتىكا دەرىسىگ
- ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىس
- قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلى
- ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان ساپا تە
- 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- ماتېما تىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇسۇلى
- ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- باشلانغۇچ ماتىماتىكا دەرس مۇندەرى
- ماتىماتىكا ئۆگۈنۈشتە كۆرۈلىدىغاب
- ماتېماتكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش ئ
- ماتىماتىكا ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇر
- ماتىماتىكا دەرىس ئوقۇتىشىدا دىققە
- ئوقۇغۇچىلارنى ماتىماتىكا دەرىسىگ
- ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان ساپا تە
- ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىس