ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ( پەيشەنبە )
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > ماتېماتىكا ئوقۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ماتېماتكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش ئېڭىنى

ۋاقىت : 2012-04-08 19:01 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : قۇياش ئوغلى | كۆرۇلىشى : قېتىم

ماتېماتكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا

ئېلىمىز ماتېماتكا ئوقۇتۇشىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئۈستىدە قايتا ئويلانساق، «ماتېماتكا – ئەقىل مۇزىكىسى»، «ماتېماتكا – تەپەككۇر گىمناستىكىسى» ياكى «ماتېماتكا – پەننىڭ تىلى» دېگەنلەر ھەممە بىلىدىغان ھېكىمەتلىك سۆزلەر بولۇپ قالدى. لېكىن، ماتېماتكىنى قوللىنىشقا خېلىدىن بېرى ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلدى. بۇ ئەھۋالنى نەزەرىدە تۇتۇپ كۆپلىگەن ماتېماتىكلار: «ماتېماتكىنىڭ قوللىنىلشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» كېرەك، ماتېماتكا «تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭگۈشتىرى» دەپ مۇراجىئەت قىلماقتا.

ئەمەلىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتكىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈلسە، ئۇلارنىڭ ماتېماتكىنىڭ مەزمۇنى، ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنى جانلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، ماتېماتكىنىڭ، ھەتتا ئىلىم – پەننىڭ  تەرەققىيات يولىنى توغرا تونۇشى، ماتېماتكىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھىلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشتەك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىگە، ماتېماتكىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئوقۇشىغا ياردىمى بولىدۇ. ماتېماتكا تولىمۇ پايدىلىق، ئۇنىڭ پايدىلىقى قايسىبىرى فورمۇلىنىڭ ياكى قايسىبىرى تېئورېمىنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى، پۈتكۈل ماتېماتكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئىنتايىن مۇھىم بىر پىكىر قىلىش ئۇسۇلى كونكرېت پەنلەردە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، كېيىنكى بارلىق خىزمەتلەردىمۇ ئەسقاتىدۇ.

ماتېماتكىنى قوللىنىشتا يەنە ماتېماتكا بىلىملىرىنى ياخشى ئۈگەنسىلا، ئۇنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش بار. ئەمەلىيەتتە، ماتېماتىكلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتكىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددىيلا بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىلىم ئۆگىنىشنىڭ قوشۇمچە ھاسىلاتى ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتكىنى قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى بۇ جەھەتتە ئەمەلىي مەشىق قىلدۇرۇش زۆرۈر، بولمىسا قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى تەكىتلەش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئوڭاي ئورۇندىغىلى بولىدىغان ۋەزىپە ئەمەس. ئۇ كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتىش دېگەندەك كۆپ خىل ئامىللارغا چېتىشلىق مەسىلە، بۇنى جەزمەن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ماتېماتكا مائارىپىمىز ماتېماتكىنى قوللىنىش ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە قوللىنىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ماتېماتىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا تونۇشىغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى تەھىلىل قىلالايدىغان ۋە ھەل قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، بىلىم ئىگىلەشتىن بىلىمنى قوللىنىشقا ئۆتۈش ئۇنداق ئوڭاي، تەبىئىي، ئۆز – ئۆزىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن تولۇق، مەقسەتلىك مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ماتېماتىكا دەرىسىمىز ۋە ئوقۇتۇشىمىز ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ماتېماتىكىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ماتېماتىكىنى قوللىنىش قابىلىيىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ