ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > ماتېماتىكا ئوقۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ۋاقىت : 2013-04-15 11:00 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 沙漠王子 | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدىكى نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋالى ئوقۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ماتېماتىكىدىكى نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان ئەھۋاللار بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە تۈرلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپلەر، بولۇپمۇ ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
. 1 ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يەنى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىغا، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
. 2 ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى «ماتېماتىكا ئىنتايىن تەس پەن، مەن ھەر قانچە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ئۆگەتسەممۇ ئۇقۇغۇچىلار يەنىلا بىلمەيدۇ، ماتېماتىكىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ»، دېگەن خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدىكى بەزى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغاندەك تەس دەرس ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
. 3 دەرس سۆزلىگەندە، سوئال سورىغاندا، قىيىن، مۇھىم نۇقتىلارنى تەكرارلىغاندا، تاپشۇرۇق بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
. 4 ئۆزگەرگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقتۇرۇشى كېرەك.
. 5 ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن دەرسلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، مۇلاھىزە قىلىشى، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، دەرسنى قايسى شەكىلدە، قايسى مەزمۇنلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئىگىلىيەلەيدۇ، دېگەننى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك.
. 6 دەرستىن سىرتقى ھەر خىل پائالىيەتلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقىشى بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، پەن – تېخنىكا كۆرگەزمىسىگە تەشكىللىشى، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشى، 2 – دەرسخانا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى بويىچە دەرسلىك كىتابتىكى «ماتېماتىكا پائالىيىتى»نى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
沙漠王子 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-11 16:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-07 12:05
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ