ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ( شەنبە )
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > خۇلاسە-دوكلات > باشقا تۈرلۈك خۇلاسە،دوكلاتلار > تولۇق مەزمۇنى

مەدەنىيەتلىك،ئەدەپلىك بولۇش پائا

ۋاقىت : 2011-05-22 21:47 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئوبولتالىپ | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بارىن ئوتتۇرا مەكتەپ 2010-2011-ئوقۇش يىللىق مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت پىلانى
                                                                      
ماركىسزىم،لىنىنىزىم،ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى دىڭشىياپىڭ نەزەرىيەسى «ئۇچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇيۇم ئىدىيىسى، باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغانسوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشى تەربىيىسىنى كۇچەيتىش تۇغرسىدىكى تەلىپىنى يىتەكچى قىلىپ «پارتىيە مەركىزى كومىتىتى،گوۋۇيۇەننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۇچەيتىش ۋە ياخشىلاش تۇغرسىدىكى بىر قانچە پىكىرى»، «پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلىشى پىروگراممىسى»، «پارتىيە17-قۇرۇلتىيى3-ئۇمۇمى يىغىنى روھى»نى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتنى كۇچەيتىش تۇغرسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مەكتىۋىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
خىزمەت نىشانى:
1.          بۇ ئوقۇش يىلىدا ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدىكى ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن بولۇش ۋە ئاپتونوم رايۇننىڭ تەكشۇرۇشىدىن مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتۇش.
2.          بۇ ئوقۇش يىلىدا ناھىيە دەرىجىلىك «يىشىللاشقان مەكتەپ»، «مەدەنىيەتلىك ئورۇن» بولۇشنى قولغا كەلتۇرۇش.
3.          مەكتىۋىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، ئۈگىنىش ئىستىلى تۇرغۇزۇش.
4.          مەكتەپ كەيپىىياتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرلۇشى جانلاندۇرۇش.
خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلەر:
1.مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى چىتىلىش دائىرسى كەڭ بولغان خىزمەت بۇلۇپ،مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگە ئالاقىدار بولغان ئىدىيۋى سىياسى تەربىيە، ئەخلاق-تەربىيە، مۇھىت قۇرلىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇش ۋە ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئەھمىيەت بىرىش قارىشىنى ئاشۇردۇق. خىزمەتلەرنى يولغا قويۇشتا پىلان بۇلۇش، پىلان بولغاندىن كىيىن چوقۇم ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مۇناسىۋەتلىك تەشكىلى ئاپاراتلار بۇ پىلانغا ئاساسەن ئۆز تارمىقىنىڭ پىلانىنى ئايرىم تۇزۇپ يولغا قويدى. ھەر قايسى پىلانلار بۇ پىلاننىڭ خىزمەت نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئجىرا قىلىنىدۇ.
2.يىل بىشىدىلا مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارنىڭ ئىش تەقسىماتى، مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ، دائىرە بويىچە مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلەيدىغان، خىزمەتلەر ئورتاق ئىلگىرى سۇرۇلدىغان ھەممەيلەن تەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغان، ئەھمىيەت بىرىدىغان خىزمەت مۇھىتىنى يارتىمىز.
3.سىياسى ئىددىيۋى تەربىيە چىڭ تۇتۇلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلەندۇرۇلىدىغان دائىملىق تەربىيە مەزمۇنلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىپە تەربىيىسىنى چىڭ تۇتۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك كوللىكتۋىزىىم تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللى بۆلگۇنچىلىككە، قانۇنسىز دىننى پالىيەتلەرگە بايرىقى رۇشەن ھالدا قارشى تۇرۇشنى مەكتىپىمىزنىڭ مۇستەكەم قورغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ ھەقىقى بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇىمىز.
ئىككى ھەپتىدە بىر ئىلىپ بىرىلدىغان سىياسى ئىددىيۋى دوكىلاتلارنى قاراتمىلىقى بولغان ئوقۇتۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلەنگەن ھالدا ئىلىپ بىرىپ سىياسى ئىددىيۋى تەربىيەلەرنى بىۋاستە يولغا قۇيۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.
تەتىل مەزگىلى، رامىزان مەزگىلى، چوڭ بايرام مەزگىللىردە ئايرىم ھالدا مۇقۇملۇق مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئمزالىغاندىن باشقا يىل مەۋسۇملار بويىچە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىنىدۇ.
سىياسى ئىددىيۋى تەربىيە مەزمۇنلىرىنى دەرىسخانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتۇق.
4. ئەخلاق تەربىيەنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز
ئەخلاق تەربىيەدە يىتەكلىش،ئىلھالاندۇرۇش ئاساس قىلىندى تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى قەتئى چەكلىنىدۇ.
سىنىىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەنى يولغا قويۇشتىكى رۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەخلاق تەربىيىنىڭ مۇيۇملىقىنى تونۇپ ۋە تونۇتۇپ ئەخلاق تەربىيىنىڭ ھەقىقى بولىشىنى دەپتەر يۇزىدىلا ئىلىپ بىرىلماسلىقنى چىڭ تۇتىمىز.
ئەمەلىيەتكە ماس كەلگەن ھالدا مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى تۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ تەشۋىق قىلىپ ئزچىللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىمىز.
«ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى»، «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى» ، «ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى»نى تەشەببۇس قىلىپ سۆز ھەرىكەتتە ئىلىمى، مەدىنى بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار باشلامچى بولۇش، ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مەكتەپتە مەدىنى، ئەخلاقلىق بولغان مەكتەپ مۇھىتىنى يارتىشقا تىرىشىمىز.
ئەخلاق تەربىيە مەزمۇنلىرىنى ئزچىللاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق بولۇشنى قولغا كەلتۇردۇق. بۇ ئارقىلىق ئىنتىزام تەشكىلى تۇزۇملەرگە ئاڭلىق رىئا قىلىشنى كىڭەيتىمىز.
مىللەتلەر ئتتىپالىقىنى كۈچەيتىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن- تۇزۇم قارشىنى ئاشۇرۇپ قانۇن-تۇزۇمگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۇز بىرشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
5.مۇھىت قۇرلىشىنى ياخشىلايمىز
مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىراپلىق پىلانلاپ، لاھىلەپ تەرتىپلىك بولۇشنى، كۇچنى ئىسىراپ قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.
كۆكەرتىش، يىشىللاشتۇرۇش نىسپەتلىرىنى يۇقۇرى بەلگىلىەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.
مەكتەپ مۇھىتىنى ياخشىلاپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇش، مۇھىت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تۇرۇتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
6.ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتىنى چىڭ تۇتىمىز.
تازىلىق ئەسھلىىرىنى ياخشىلاپ، مۇھىتنى ۋە تازىلىقنى كۈچەيتىشكە ئاساس سالىمىز.
مەكتەپتە تازىلىقنى سۈيىدىغان، ئاسىرايدىغان ياخشى كەيپىىياتنى ياراتىمىز.
دائىم تازىلىق قىلىدىغان ئادەتنى يىتىلدۇرۇپ، ھاجەتخاندىن تارتىپ بارلىق جايلارنىڭ ھەر قاچان پاكىز تۇرۇشىنى، تازىلىقتا ئۆلۈك بۇلۇڭ بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
7.مەدەنىيەت پالىيەتلىرىنى جانلاندۇرىمىز. 
ھەر قايسى ئايلارنىڭ ئالاھىدىلىگى بويىچە يەنى يىڭى يىل بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، كۆچەت تىكىش بايرىمى، لې فىڭدىن ئۈگىنىش پالىيەت ئىيى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ياشلار بايرىمى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىيى، بالىلار بايرىمى، پارتىيە بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق خاتىرە بايراملىرى تەربىيە ئايلىرىنى نۇقتا قىلىپ، سىياسى ئىددىۋى تەربىيە، ئەخلاق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى پىلانلىق سېستىمىلىق ئىلىپ بارىمىز.
تەشكىلى ئاپاراتلار، ئوقۇتۇش گۇرپلىرىنىڭ تۇرلۇك پالىيەتلەردە تەربىيە مەزمۇنلىرىنى سىڭدۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز.
تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رادئىو تەشۋىقاتى، قارا دوسكا تەشۋىقاتىدىن ئۆنۇملۇك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىددۋى تەربىيە مەزمۇنلىرىنى، ئىلىم پەن بىلىملىرىنى تەشىۋىق قىلىش خىزمىتىنى دائرسى بويىچە ياخشى ئىلىپ بارىمىز.
پالىيەتلەرنىڭ تۇرى، شەكىلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ماقالە ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش، زىھىن سىناش، قارا دوسكا ئىشلەش، گۇزەل سەنئەت ئجادىيىتى مودىل ياساش، تەنتەربىيە، ئەدەبى سەنئەت، كىتاپ ئوقۇش، كىنو كۆرۈش قاتارلىق تۇرلەرنى گىرەلەشتۇرۇپ يولغا قويىمىز.
مىللى روھنى ئەۋىج ئالدۇرۇش ۋە يىتىلدۇرۇش ئىيى پائالىيىتىنى ياخشى پىلانلاپ يولغا قويۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلاۋى ئەنئەنە تەربىيىسىنى كۇچەيتىمىز.
مەكتەپ ئىچىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىكىسكۈرسىيە، زىيارەتكە تەشكىللەپ ئۆنۇمىنى يۇقىرى كۆتۇرىمىز.
8.مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر
مەنىۋى مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس مەكتەپ مەدەنىيىتى شەكىللەندۇىمىز.
سىياسى ئىددىۋى تەربىيە، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى يىتەكچى بولغان پارتىيە خىزمىتى، ئىتتىپاق پېئونئرلارخىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇليەتنامىسىنى يولغا قويۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.
مەكتەپ،جەمىيەت، ئائىلە تەربىيەسىنى ماسلاشتۇرۇپ مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.
مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە بالاش كۆرسەتكىچى بەلگىلىنىپ ئاي ماۋسۇملار بويىچە خۇلاسە قىلىندى. باھالاش كۆرسەتكۇچلىرىگە چەكلەش ماددلىرى كىرگۇزۇلۇپ خىزمەتلەرنى خۇلاسە قىلىشتا مۇھىم نۇقتا قىلىندۇ. مەسىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئىلغار خىزمەتچى بولماقچى بولسا، چوقۇم كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىگە رئىا قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسا چوقۇم ئەخلاقى ياخشى بولۇش لازىم دىگەندەك بەلگلىمىلەر تۈزۈلۈپ مەدەنىيەت ئەخلاق سۈپىتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
 
 
بارىن ئوتتۇرا مەكتەپ
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئوبولتالىپ تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ