مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
«مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،يىزىمىز مائارىپىنىڭ ساغلام
تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرەيلى»
xxxx يىزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2010/2011-ئوقۇش يىلى يازلىق تەتىل مەزگىللىك ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «مائارىپ سىتىمىسىنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۇچەيتىش ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى يولغا قويۇش» تىمىسىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىگە پائالىيىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز
يولداشلار !
بىز 2010/2011 ئوقۇش يىللىق ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ، يىڭى ئوقۇش يىلىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. پۈتۈن ناھىيىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،گۈزەل ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى تولۇپ تاشقان ۋاقىتتا،بىر ئوچۇم چىكىدىن ئاشقان چوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار قەشقەر شەھىرىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ،نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئىجتىمائى مۇقىملىققا ئىغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى
ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسى كومېتىتىنىڭ (xxx «2011»xx-نومۇرلۇق)ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن يىزلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچىكىسى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق يىزىمىز دا « مائارىپ سىتىمىسىنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۇچەيتىش ۋە تەشۋىق –تەربىيە خىزمىتىنى يولغا قويۇش »تىمىسىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئاساسى تىما قىلغان مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
بۇ قىتىمقى مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مەخسىتى ‹‹30-ئىيۇل››ۋەقەسىنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئىچىپ تاشلاپ،ۇقىملىقىنى ئادىنىقى ئورۇنغا قويۇش ئاساستا كەڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق ناھەق قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى رولىنى ھەققى جارى قىلدۇرۇپ ،يىزىمىز مائارىپىدا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ تىنىچ مۇقىم بولغان ۋەزىيەتنى قوغداشتىن ئىبارەت.
مەركەزلىك تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى پارتىيە 17- قۇرۇلتىيى،مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 7-نۆۋەتلىك 9-10-قىتىملىق(كىڭەيتىلگەن)يىغىنى ،ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ كىڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مائارىپ بازىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ ، مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسەت تەربىيسى،ۋەزىيەت تەربىيسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى،سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق،ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىڭى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆۋەندە مەن xxxx يىزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2010/2011-ئوقۇش يىلى يازلىق تەتىل مەزگىللىك « مائارىپ سىتىمىسىنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۇچەيتىش ۋە تەشۋىق –تەربىيە خىزمىتىنى يولغا قويۇش »تىمىسىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى؛پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ قىتىمقى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ،ئىددىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە تەشۋىق تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش لازىم.
1.بۇ قىتىمقى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى تەلىپى بولسا ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى سۆزلەش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆزلەش،قانۇن-تۈزۈم سىياسەت-قائىدىلەرنى سۆزلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- بەخىت،بۆلگۈنچىلىك قالايمىقانچىلىق-ئاپەت»تىن ئىبارەت ئاساسى قائىدىنى تەشۋىق قىلىپ،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق»،«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»،«بەش قاراش»تەربىيسى»نى كۈچەيتىپ،مائارىپ سىستىمىسىدا چوڭ تەشۋىق قىلىش،چوڭ مۇھاكىمە قىلىش،چوڭقۇر ئچىپ تاشلاش،چوڭقۇر تەربىيلەش يۇقىرى ئىقىمىنى تىز سۈرئەتتە پەيدا قىلىش،مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئىككى قىتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش يىغىنىنىڭ يۇرتىمىز قاغىللىققا ئىلىپ كەلگەن تارىخى پۇرسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ،شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك قۇرۇلۇش سورۇنلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش،قاغىلىقنىڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەشۋىق قىلىپ،«ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەپ ئىچىپ تاشلاپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ رەزىل سۈيقەستى،ۋەھشىيانە قارا نىيىتى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيتىنى ئىنىق تونۇپ يىتىپ،ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتماسلىق، ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك،يامان نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ قۇترىتىشىغا ۋە ئازدۇرۇشىغا ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بىرىشى ۋە يىتەكلىشى،كوللىكتىپ ۋەقەلەر ۋە يىغىلىپ كۈچ كۆرسىتىش نامايىش قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بىرىپ،ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشىغا يىتەكلىشى لازىم.
2.مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئوبىكتى،ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كونكىرت مەزمۇنى
بۇ قىتىملىق ئۆگىنىش يىزا ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنى بىرلىك قىلىپ ئىككى ئورۇندا ئىلىپ بىرىلىدۇ.ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يىزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش ئىلىپ بارىدۇ،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ەر قايسى مەكتەپلەرنى بىرلىك قىلىپ ئۆگىنىش ئىلىپ بارىدۇ.بۇ قىتىمقى مەركەزلىك تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسلىق ئوبىكتى-يىزىمىز مائارىپ سىستىمىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەپىنسىچى ئوقۇتقۇچلار.شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ يەرلىك پارتكۇم ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئاساسى قاتلام ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچلارنى ئائىلە باشلىقلرىغا تەشۋىق –تەربىيە خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ..
ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدىكى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى دەرھال يىغىپ،يەتكۈزۈش،ئۆگىنىش،مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 7 كۈنلۈك(8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە)مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرىدۇ.پائالىيەت ۋاقتىدا 2-3كۈن ۋاقىتتا مەركەز،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم،ىلايەتلىك پارتىكومنىڭ «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە ناھىيلىك پارتىكومنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش،ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلارنىڭ «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىگەن سۆزى،قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئىشخانىسى بىسىپ تارقاتقان (قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئەسلى خاراكتىرىنى ئىنىق تونۇش توغرىسىدىكى تەشۋىق-تەربىي تىزىسى)،«مائارىپ قانۇنى»،«مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»،«ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»،«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»،«ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش چەرىسى»،«مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»،«دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،«دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى»،«ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش نىزامنامىسى»ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»،«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»،«بەش قاراش»،««قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى»قاتارلىق بىر قاتار قانۇن-قائىدىلەرنى ئۆگىنىشى،كەڭ ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىك قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەش ۋە ئىچىپ تاشلاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ بولسا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممسىىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى شۇنداقلا ئۇلۇغ ۋەتىمىزنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى،مۇقىملىقنى ئويلاپ تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىزنىڭ ھەقىقى قىرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئىنىق تونۇتۇشى لازىم.
جۈمە كۈنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەن ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە،ئۆز مەكتىپىدىكى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا تەشۋىقات مەسئۇلىيەت رايونى،تەشۋىقات ئىلىپ بارىدىغان كەنىت ۋە مەھەللىنى ئىنىق ئايرىپ بىرىپ،3-4 كۈن ۋاقىت چىقىرىپ،«بىرگە بىر»،«يۈز تۇرانە»ئائىلە سۆھبىتى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ،تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ھەربىر يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىسىغىچە قەدەر قاپلىنىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش،بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلار(كەسپى تولوق ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش،باشلانغۇچ مەكتەپ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.«تۆتنى بىلىش تۆتنى ئىنىقلاش تۆتنى ئىگەللەش»خىزمەت مىخانىزىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى،ئەتراپىدىكى ئىجتىمائى مۇھىت ۋە جەمىيەت ئەھۋالى ئاۋام رايى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىگەللەپ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىددىيۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ۋە ئىددىيە يۆنىلىشىنى ۋاقتىدا ئىگەللىشى لازىم.
سىرتقى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ،تىلىفون ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ،ئۇلارغا «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈشى،ۋىلايەتلىك پارتىكوم مەمۇرى مەھكىمە ۋە ناھىيلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە تەلەپلىرىنى تولۇق يەتكۈزۈشى،سىرتقى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ جايدا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك،ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى،ئۇلارنىڭ پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە قاغىلىقنىڭ گۈزەل تەرەققىيات ۋەزىيتىنى تولۇق تەشۋىق قىلىشقا يىتەكلىشى لازىم.
ئىككىنچى،تونۇشنى ئۆستۈرۈپ،ۋەزىيەتنى تىخىمۇ ئىنىق تونۇپ،بۇ قىتىملىق مەركەزلىك تەشۋىق -تەربىيە پائالىيتىگە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى لازىم.
«چوڭ تەشۋىق قىلىش،چوڭ تەربىيلەش،چوڭقۇر ئىچىپ تاشلاش»تەربىيە پائالىيتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى لازىم.دۆلەت،ئاپتونۇم رايون،قەشقەر ۋىلايىتى،قاغىلىق ناھىيسى ئازات بولغاندىن بۇيان،بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيانقى شانلىق مۇۋاپىقىيەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ،جانلىق ئەمەلىيەت،ھەقىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ،ئەقلى-ھۇشىمىز ۋە ئىرادىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ پارتىيەمىزنىڭ لۇشىيەن فاڭجىن-سىياسەتلىرى،مىللى دىننى سىياسەتلىرى،سوتسىيالىستىك تۈزۈمى،مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارشى بولغان سەپسەتىلىرى ۋە ھۇجۇمىغا قايتۇرما رەددىيە بىرىشى لازىم.دۆلەتنىڭ دىھقانچىلىق بىجىنى كەچۈرۈم قىلىش،يىڭى تىپتىكى يىزا كەنىت ھەمكارلىشىپ داۋالاشنى يولغا قويۇش ۋە خەلقنى بىيىتىش ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار خەلققە ئىتبار بىرىش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى؛قاغىلىق مائارىپ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش،بولۇپمۇ «11-بەش يىل»دىن بۇيان،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشى،يىزا ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈزى،يىزا كەنىت «قوش تىل»بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق تۈرلۈك تۈمەن مائارىپ ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرى شۇنىڭدەك «ئىككى كەچۈرۈم بىر تولۇقلىما»،يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوتى كاپالەت تۈزۈلمىسى،قوش تىل تەييارلىق مائارىپى كاپالەت راسخوتى قاتارلىق ئوقۇشقا ياردەم بىرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ،مەكتەپ ئۆيى يىتىشمەسلىك،ئوقۇش شارائىتى نازار بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،مەكتەپتە ئوقۇش تەس بولۇش،ئوقۇش راسخوتى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغانلىقى قاتارلىق ئەمەلىيەتلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى لازىم.كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن «30-ئىيۇل»بىر قاتار زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسىنىڭ بولسا بىر ئۇچۇم دۈشمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت ئاستىدا پىلانلاپ تەشكىللىگەن يەنە بىر قىتىملىق ئىغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلدۈرۈپ،«ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ ئەسلى ماھىيتىنىڭ بولسا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى،بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان كۆرىشىمىزنىڭ مىللى مەسىلە ياكى دىننى مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئىنىق تونۇتىشى؛نۆۋەتتىكى ئىجتىسادى جەمىيەتنىڭ ھەم تىز ھەم ياخشى تەرەققى قىلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ۋە گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈشى؛يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەلققە ئىتبار بىرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ خەلق ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەمەلى ئىش،ياخشى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلى نەتىجىلىرىنى ئىنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى؛مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا پۈتۈن ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جان تومۇرى،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئالى مەنپەتى ئىكەنلىكىنى ئىنق تونۇتىشى لازىم.«ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ چىكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەش ۋە ئىچىپ تاشلاش ئارقىلىق،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ خىلمۇ-خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاممىنى مىللى ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل قارا نىيىتى ۋە ۋەھشىيانە ئەپتىنى تولۇق تونۇتۇشى؛تەشۋىقات ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى نۆۋەتتىكى جەمىيەت مۇقىم،خەلق تۇرمۇشى پاراۋان بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ قوغداشقا يىتەكلىشى؛تەربىيلەش ئارقىلىق،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرىنى كۆزىنى سۈرتىۋىتىپ،باشتىن-ئاخىرى مىڭىنى سەگەك تۇتۇپ،ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك ۋە تارقاتماسلىق،قۇترىتىشقا ئىشەنمەسلىك،ئالدىنىپ قالماسلىق ۋە قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىققا يىتەكلىشى لازىم.
ئۈچىنچى ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسنى پۇختا سىلىپ، مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كىرەك.
بۇ قىتىمقى مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئاساسەن بارلىق ظوقذتقذچئ –ظئشچئ خئزمەتچئلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسى-ئىددىيۋى تەربىيە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنىڭ ئىددىيۋى مەنىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرتۇپ،«ئۈچنى ئۇنۇتماسلىق»،«ئالتە تارىخ»،ۋە «ئالتە ياخشى»ئاساس قىلىنغان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق»ئىددىيۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «قولنى قولغا تۇتۇشۇش»،««جۈپلەردىن بولۇش»پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،دوستانە مەكتەپ،دوست سىنىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ،ئىتتىپاق،جانلىق بولغان مەكتەپ مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە بىيىتىشى لازىم.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى بىلەن مىللى روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يىتىلدۈرۈش تەربىيە پائالىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىشى،مىللى روھنى ئۇرغۇتۇشى لازىم.ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى تەربىسىگە بىرلەشتۈرۈپ،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش،ۋەتەننى بىرلىكىنى قوغداش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىددىيۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ،«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش»،ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى چوڭقۇر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ،سورتسىيالىستىك ئىدولوگىيە ساھەسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى لازىم.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى،مىللەت قارىشى،دىن قارىشى،تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى،شىنجاڭنىڭ تارخى،مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارخى،دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا بولغان ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى،پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى،مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتونۇمىيە تۈزۈمىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش تەربىيسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،پارتىيىنىڭ مىللى سىياسىتى ۋە دۆلەت قانۇن-قائىدىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆگىنىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتى خىزمىتىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرى، ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ھەر مەكتەپ،ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش ئىددىيۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى لازىم.ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم مەيدانى مۇستەھكەم،بايرىقى رۇشەن،پوزىتسىيسى ئىنىق بولۇپ،ھەر قانداق شەكىلدىكى قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قەتئى قاتناشماسلىقى؛ئوقۇتۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقىغا ھەققى كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
يولداشلار بۇقىتىمى مەركەزلىك تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى قىسقا، ئەھمىيىتى زور،يىزىمىز مائارىپىدىكى بارلىق ئىشچى خىز مەتچىلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ،كىمنىڭ دوسىت كىمنىڭ دۇشمەن ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئايرىپ،ئىدىيدە تەۋرەنمەي مەيدانىمىز مۇستەھكەم بايرىقىمىز رۇشەن ھالىدا <<ئۈچ خىل>> كۇچلەرگە قەتئى قارشى تۇتۇپ خەلق رايى رايۇن ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەپ لوق يىزىسىنىڭ مۇقىلىق ئومومى ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى.
(تەھرىر : admin)
«مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دو
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(1)
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
- بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىپ،ھايا
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ