ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > خۇلاسە-دوكلات > باشقا تۈرلۈك خۇلاسە،دوكلاتلار > تولۇق مەزمۇنى

«ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى

ۋاقىت : 2012-12-03 13:08 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سھىرھ | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

باشقۇرۇش كومتىتى 9يىللىق تۇزۇمدىكى مەكتەپنىڭ «ئىككى ئاساسەن»ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن خۇلاسە دوكلاتى

 
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مۇپەتتىشلەر، يولداشلار!

يۇقرى دەرىجلىك ئورۇنلارنىڭ مەكتىمىزنىڭ «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى بازىرىمىزنىڭ جۈملىدىن مەكتىۋىمىزنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخىشى پۇرسەت ھېساپلىنىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ____ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ۋە   مەكتىۋىمىزدىكى 88نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىگە ۋاكالىتەن باھالاش ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەردىن ۋە مۇپەتتىشلەردىن قىزغىن ئەھۋال سورايمەن!

تۆۋەندە مەن ____ باشقۇرۇش كومتىتى 9يىللىق تۇزۇمدىكى مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىغا ۋاكالىتەن مەكتىۋىمىزنىڭ «ئىككى ئاساسەن» ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەتلىردىن قىسقىچە دوكلات بېرىپ ئۆتىمەن.

مەكتىۋىمىزنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى:

مەكتىۋىمىز 2005- يىلى9يىللىق تۇزۇمدىكى مەكتەپ بۇلۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، _____ باشقۇرۇش كومتىتدىكى بىردىنبىر مىللى تىل سىسىتىمىسىدىكى 9يىللىق تۇزۇمدىكى مەكتەپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئومومى يەر كۆلۈمى20000بولۇپ ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كېلىشى15.62،قۇرۇلۇش كۆلەم3670 ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كېلىشى2.87،يىشىللاشتۇرۇلغان كۆلەم 3600 ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كېلىشى2.81،قاتتىقلاشتۇرۇلغان كۆلەم12736ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا9دىن توغرا كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش دائىرىسى 6 كەنىتنى ئاساس قىلىدۇ. جەمىئى 30 سىنىپ1280نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇقسىز قىسمىدا 8سىنىپ380 نەپەر ئوقۇغۇچى، باشلانغۇچ قىسمىدا 22سىنىپ 900 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، 6 قوشتىل سىنىپ 200 ئوقۇغۇچى بار.

ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى جەھەتتە:

مەكتىۋىمىزدە88نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى بۈلۇپ ،تۇلۇقسىز قىسىمدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 42 نەپەر ، پارتىيە ئەزالىرى 16 نەپەر ، ئىتتىپاق ئەزاسى4 نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 1نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى5 نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ 2- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى19 نەپەر،3- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر21نەپەر ،مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر 20نەپەر بولۇپ،ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىدە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى%99.24، ئوقۇش تارىخىدا ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى%99، باشلانغۇچ قىسىمدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 44 نەپەر ، پارتىيە ئەزالىرى 20 نەپەر ، ئىتتىپاق ئەزاسى3 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 3نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى14 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 2- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى21 نەپەر ، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر3نەپەر ،مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر 25نەپەر ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۇتتۇرگەنلەر15نەپەر،ئوتتۇرا تېخنىكۇمدىن تۇۋەنلەر1نەپەر بولۇپ،ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىدە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى%99.24، ئوقۇش تارىخىدا ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى%99،خەنزۇتىلى سەۋىيسىدە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %      ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىملىق تەربىيدە تەربىيلىنىشتە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %     يەتتى.

«ئىككى ئاساسەن»نى ئومۇملاشتۇرۇش، مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

1.ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيەنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۇختا تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىلدى.

يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ۋە داۋام نىسپىتىنى يۇقرى كۆتۈرۈشنى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى»نى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقسىى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ،مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش تۈزۈم-تەدبىرى، ئوقۇغۇچىلار داۋامىنى كۈندە مەلۇم قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار قائىدە تۈزۈملەر تۈزۈپ چىقىلدى. مائارىپنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلندى.

كۆپ خىل چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،«مائارىپ قانۇنى»،«مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»«ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش نىزامى»قاتارلىق مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش،ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدۇق.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش،تۇراقلاشتۇرۇش،ئوقۇشتىن قېلىش ۋە تېزىپ كېتىش نىسپىتىنى تىزگىنلەش،ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

مەجبۇرى مائارىپ قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، مەكتەپ، جەمىئيەت ۋە ئائىللەرنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرى مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشغا بولغان تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «يىزا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان،كەنىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋامىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان»خىزمەت مىخانىزىمى يولغا قويۇلۇپ، كەنىتلەرنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلش ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا دېرىكىنى قىلىش، دەلىللەش خىزمىتى ئشلىنىپ، بازارلىق پارتىيكوم خەلق ھۆكۈمىتى كۈندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋام ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلار داۋامىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئوقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالا ئىشچى، بالا سودىگەر ۋە بالا باققۇچى بولۇۋېلىش قىلمىشلىرى قاتتىق چەكلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ياش-ئۆسمۈرلەرنى ياللاپ ئىشلىتىش، بالا باققۇچىلىققا قويۇش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەنقىدى تەربىيە ئارقىلىق چەكلەش سالمىقى زورايتىلىپ تۈگىتىلدى.

مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىگە كەنىتلەر مەسئۇل بولۇش، ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەكتەپلەر مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق2009-/2010-ئوقۇش يىلىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇقسىزغا كىرىش نىسبىتى %100گە،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى %0.32 ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىندى. 17ياشلىقلارنىڭ تولۇقسىز مائارىپنى تاماملاش نىسبىتى %97.26 گە يەتكۈزۈلدى.

2010-/2011- ئوقۇش يىلىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇقسىزغا كىرىش نىسبىتى %101گە،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى %0.11 ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىندى. 17ياشلىقلارنىڭ تولۇقسىز مائارىپنى تاماملاش نىسبىتى %96.61 گە يەتكۈزۈلدى.

2011-/2012- ئوقۇش يىلىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇقسىزغا كىرىش نىسبىتى %96.62گە،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى %0 ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىندى. 17ياشلىقلارنىڭ تولۇقسىز مائارىپنى تاماملاش نىسبىتى %97.29 گە يەتكۈزۈلدى.

2012-/2013- ئوقۇش يىلىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇقسىزغا كىرىش نىسبىتى %96.41گە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسپىتى %0 ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىندى. 17ياشلىقلارنىڭ تولۇقسىز مائارىپنى تاماملاش نىسبىتى %96.64 گە يەتكۈزۈلدى.

 ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ‹‹ئىككى ئاساسەن››نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسىدىكى تەلەپكە يەتكۈزۈلدى.

2. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى يۇقرى كۆتۈرۈلدى.

بىر قانچە يىللاردىن بىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەركىزى خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، بازىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

1) مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى خەنزۇتىلى بويىىچە تەربىيلەش كۇچايتىلدى. مەكتىپمىز ئوقۇتقۇچىلىرنڭ بىر قەدەر كەمچىل بولۇش، خەنزۇتىلى سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش ئەھۋاللىرىغا قارىتا ئۇلارغا نىسبەتەن تەلەپ كۇچايتىلىدى. خەنزۇتىلى بويىچە مەكتەپتە تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكللەپ،كۈندە ئىككى سائەت خەنزۇ تىلدا تەربيلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلدى

2) قەرەللىك ھالدا ناھىيە تەۋەسىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە بىرىپ تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

بۇنىڭ نەتىجىسدە، ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپى جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەربيلەشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتلپ، ساپانى يۇقرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغان، مائارىپ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، كۆيۈنۈپ بىلىم بېرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.

3. مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ شارائىتى تىرىشىپ ياخشلاندى.

 يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپسىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى ، بازارلىق پارتىيكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىكىنىڭ توغىرا يىتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا مەكتەپ مالىيەسىنى باشقۇرۇشتا تېرىشچانلىىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ كېرىمنى كۆپەيتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ مەكتەپ مالىيەسىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى. مەكتەپ ئىچىنى قاتتىقلاشتۇرۇش نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ئوز - ئارا ماسلىشىپ قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەتلىك ۋاقتىدا تاماملىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىدى.

2008- يىلى يىل ئاخىرىدىن 2012-يىلى 11- ئايغا قەدەر    يۈرۈش ئوقوتقۇچلار جوزا-ئورۇندۇق سېتىۋىلىندى،    يۈرۈشتىن ئارتۇق جوزا- ئورۇندۇق رىمونىت قىلىندى   مېتىر قورۇ تام يېڭىلاپ سېلىندى،    مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېرىق قاتتىقلاشتۇرۇلدى.     تۈپ كۆچەت يېڭىدىن سېلىنىپ كۆكەرتىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى. يېڭىدىن بىر تۈركۈم گۈزەل - سەنئەت، مۇزىكا، ئەمگەك تەنتەربىيە، تەجىرىبە ئەسلىھەلىرى ،، تەجىرىبەخانا، گۈزەل - سەنئەت، مۇزىكا ئەمگەك ئەسلىھەلىرى ئىشكاپلىرى تولۇقلىنىپ ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلاندى،         يۇەن قىممىتىدىكى ئىشخانا ئەسلىھەلىرى يېڭىدىن سېتىۋېلىندى.     كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئوقۇتقۇچىلار قاتناش قوراللىرىنى ساقلاش ئورنى،      كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋېلىسپىتنى ساقلاش ئورنى ياسالدى.     كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى مەكتەپ ھويلىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى.سىنىپ ۋە مەكتەپ ئىچدىكى تاملار ئاقارتىلىپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

4.قائىدە-تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىددىۋى-تەربىيە كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت يۇقرى كۆتۈرۈلدى.

ناھىيىلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمتى ،مائارىپ سىستمسى پارتىكۇمى ۋە بازارلىق پارتىكۇمنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا، مەكتەپ پارتىيە ياچايكا شۇجىسى گورۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ئىددىۋى تەربىيە پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپلىرى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك مەسىللىرى تۈپتىن ھەل قىلىندى.

ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىددىۋى تەربىيە كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى، پىئونېرلار ئەتىرتىنىڭ فونكىسيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماركىسىزىملىق«بەش قاراش» تەربىيىسىنى بوشاشتۇرماي ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش» تەربىيىسنى دەرىسخانىلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغىرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارشى، قىممەت قارىشى تىكلەندى. بۇ ئارقلىق ئوقۇغۇچىلاردا كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ساۋاقداشلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈلدى. بولۇپمۇ شىنجاڭدا يۇز بەرگەن ۋەقەلەرىنىڭ يۈز بېرىش ئارقا كۆرۈنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ئاساسىدا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا توغرا چۈشەنچە بېرىلىپ، جەمىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىندى. ھەمدە ئائىلە زىيارىتى ئاساس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئىگەللەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلدى.

ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى دەرىسلىك ئسىلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش كۇرىسلىرىغا ئوقۇتقۇچىلار تولۇق قاتناشتۇرۇلدى. دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇش قەدىمى تىزلىتىلىپ، يىڭى، ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كۈچەيتىلدى. قوشتىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان مەەكتىۋىمىز6نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئاپتونۇم رايۇن ، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك قوشتىل تەربىيەلەش كۇرىسلىرىغا ئەۋەتىپ تەربىيلەپ، قوشتىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالدۇق.

قوشتىل مائارىپنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھازىرقى قوشتىل سىنىپ سانى 6گە ئوقۇغۇچى سانى200 نەپەرگە يەتتى . شۇنداقلا قوشتىل ئوقۇتۇشىدا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

ساقلانغان مەسىللەر ۋە تىرىشىش نىشانىمىز:

بىرقانچە يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق بازىرىمىزنىڭ جۈملىدىن مەكتىۋىمىزنىڭ«ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، بىراق تەبىئىي شارائىت ۋە ئىقتىسادى شارائىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يەنە قىسمەن مەسىللەر ساقلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش تەلىپىدىن بىر ئاز تۆۋەن، بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تەكشى ئەمەس، خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئۆلچىمىگە يېتىش نىسپىتى يۇقرنىڭ ئۆلچىمگە يەتمەيدۇ . بۇ ئەھۋال مەكتىۋىمىزنىڭ قوشتىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپلىششى مائارىپقا باغلىق. جۈملىدىن، بازىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىمۇ مائارىپقا باغلىق. «ئىككى ئاساسەن»ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بىز بۇقېتىمقى قايتا تەكشۈرۈششنى بازىرىمىز جۈملىدىن مەكتىۋىمىز مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى بىر قىتىملىق پايدىلىق پۇرسەت دەپ قاراپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە قارتا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ساقلانغان مەسىللەرنى سەمىمىي پوزتىسيە بىلەن تۈزۈتۈپ، ----- بازىرىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقرى سەۋيىگە كۆتۈرۈپ، ھەردەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ توغىرا رەھبەرلىكى ۋە قوللىشى ئاستىدا مەكتىپمىزنىڭ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .

ئاخىرىدا باھالاش ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەر، مۇپەتتىشلەر ۋە يولداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خورام، تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلەيمەن!

دوكلاتىم تۈگىدى، كۆپچىلىككە رەھمەت.
-------ئوتتۇرا مەكتەپ
2012 -يىل 11 ئاينىڭ20-كۈنى

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ