زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
زوراۋان–تېررورچىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېرى كەڭ، بايلىقى مول، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىنلىق چېگرا رايون. بۇ رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈستىدە توختىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى .
يېقىندا، خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئارقا – ئارقىدىن زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسى يۈز بېرىپ، بىگۇناھ ئامما ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلولىرى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسەتتى. قانلىق ئەمەلىيەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
زوراۋان – تېررورچىلار شىنجاڭدا خۇپىيانە ئەكسىيەتچىل سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، جىنايى تىغ ئۇچىنى خېلى بۇرۇنلا جەمئىيىتىمىزگە، نورمال تۇرمۇشىمىزغا قاراتتى. ئۇلار خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خالىغانچە زىيان يەتكۈزدى، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە زىيان سالدى، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ ۋە ۋەھشىي بولدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىپ، قەستەن مىللىي قارشىلىق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى ھەممىگە ئايان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، زوراۋان تېررورچىلار كۆپ قېتىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلولىرىنى تۇغدۇردى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بارغانسېرى قەبىھلەشمەكتە، ئەشەددىيلەشمەكتە. ئۇلار خەنزۇ ئاممىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغىمۇ زوراۋانلىق قىلدى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى.
مىللەتلەر ئارا ئىشەنچ ۋە ئىتتىپاقلىق دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئېسىل تارىخىي ئەنئەنىسى. دۆلىتىمىز قەدىمدىن تارتىپلا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە دوستانە بېرىش – كېلىش ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلگەن. مەيلى خەنزۇلار بولسۇن، ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر بولسۇن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا، تاشقى تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقان. تارىختا خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ مەشھۇر ئالىم، مۇتەپەككۇر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، ئەدىب، سەنئەتكارلار چىققان. ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن، خەنزۇلار بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇققا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇغان. مەسىلەن: مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى تۈزگەن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىكى ‹‹تاۋغاچ›› تېرمۇنىدا شىنجاڭدىكى ‹‹قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى جۇڭگونىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى، قاراخانىيلىقلار چىنلىق، يەنى جۇڭگولۇق›› دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ تارىخىي ماتېرىيال بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى، يەنى جۇڭگولۇق دەپ بىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. يېقىنقى زامان تارىخىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، شانلىق سەھىپە ياراتتى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ۋەتەنگە تەلپۈنىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى كۆزلەيدىغان مىللەتلەر بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا تولۇق ئىشىنىدىغان چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچەيتىشتە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش شەرت. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىياسىي – ئىدىيەۋى ئاساسنىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئاساسنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. دۆلىتىمىز بازار ئىگىلىكىنى يۆنىلىش قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا پەرق مەۋجۇت. بۇنداق ۋەزىيەتتە، گەۋدىلىك بىر مەسىلە ئالدىمىزغا قويۇلدى، يەنى بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.
كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىمىز جەزمەن تېخىمۇ چىڭىيدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە بايرىقىمىز روشەن ھالدا خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىزنى بەجاندىل ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە يەردە قاپقان، ئاسماندا تور ھاسىل قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇشىمىزنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇت تونۇپ يىتەلەيمىز.
زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى بىرلىكتە ياخشى قوغداشتا، ھەر ۋاقىت چوقۇم كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز، يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. كەسكىن، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇپلا قالماستىن، دۈشمەنلەرگە قوغلاپ زەربە بېرىش، ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ زەربە بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئاممىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۈشمەنلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماي، زوراۋان – تېررورچىلارنى ‹‹خەلق ئۇرۇشى››نىڭ شىددەتلىك دولقۇنىغا غەرق قىلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىز تولىمۇ زۆرۇر.
مەركەز مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ، دەپ كۆرسەتتى. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشىدىكى كۆرۈنەرلىك بىر ئالاھىدىلىك. ئۇلار ئۆز ئالدىغا دىنىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش، ۋەز – تەبلىغ سۆزلەش سورۇنلىرىنى تۈزۈش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قوزغاش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىگە يەتمەكچى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما بىلەن خەنزۇ ئاممىسى ئارىسىدا زور زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ھەرمىللەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەردىن ساقلىنىش – تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئورۇنغىچە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى بىرلىكتە قوغداشنىڭ ئاچقۇچى. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەسكىن، مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا قارىتا ئىدىيەدە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى بويىچە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەردىن ساقلىنىشتا يوچۇق قالدۇرماي، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلەشنىڭ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم كاپالەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىرقىتىم چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم ۋە ھىس قىلدىم.
قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. زوراۋان – تېررورچىلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل دۇنيادىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قارغايدىغان ئورتاق دۈشمەن. ۋىجدانىنى يوقاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلارغا قارىتا، بىز چوقۇم ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ، كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىگە، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹1 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، بىرىنچى ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات – تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپەقىلىپ، ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلققە مەركەزنىڭ زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر – شەپقىتى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشىنىڭ زوراۋان – تىرورچىلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇلارنى يىتىم قالدۇرۇشتىكى مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
بىز چوقۇم كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيمىزنى تۈگىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش خىزمىتىدە ھەمدە ئىدىئولوگىيە ساھاسىدىن ئىبارەت زوراۋان كۇچلەرنىڭ ئىديە ئارقىلىق ئاممىنى قايمۇقتۇرىدىغان بازىدىكى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تولىمۇ زۆرۇر ۋە تەخىرسىز شەرەپلىك خىزمەت ئىكەنلىكنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم..
(تەھرىر : admin)
«زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دو
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(1)
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
- بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىپ،ھايا
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ