بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، ھاياتى بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش
ئىڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى!
(بىخەتەرلىك تەربىيسى دوكلاتى)
بىخەتەرلىك تەربىيىسى - مەكتەپ تەلىم- تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەكتەپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بولغان ماددى ئاساس.
نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش» پائالىيتى ۋە ئىلغارلىقنى بەرپا قىلىپ، مۇنەۋەرلىكنى تالىشىش پائالىيتى تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنىڭ ئالغا سىلجىشىدىكى نۇرلۇق ماياك.
ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشى ۋە بىخەتەرلىك تۈزەش ۋەزىيىتىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشىدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن مۇھىم دېگەن ئىدىيىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىخەتەرئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەلىم- تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى (قاتناش، توك، سۇ، ئوت ئاپىتى، گازدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ) كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ھەر ۋاقت ئويلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قاتناش قوراللىرىنىڭ سۈپىتى، تۈرى، سانى جەھەتتە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئەندىشە ئىلىپ كەلمەكتە. قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئىنسانلار ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ھېسابلانماقتا.
پويىزنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا خالىغان جايدا ، خالىغان ۋاقىتتا توخىتىمايدىغانلىقنى قەتئىي ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، پويىز يولىغا ھەم پويىزنىڭ مىڭىش ھالىتىگە قىزىقىپ پويىز يولىنىڭ ئەتراپىغا بارماسلىقىمىز، پويىز يولىنىڭ ئەتراپىدا قوغلىشىپ ئوينىماسلىقىمىز، پويىز يولىنىڭ ئەتراپىدا قوي باقماسلىقىمىز، جۈملىدىن پويىز يولىدىن يىراق تۇرۇپ ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئىلش ئۈچۈن ھۇشيارلىقنى تىخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ زىيىنىنى ھىچقانداق زىيانغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە قەتئىي ۋىلىسپىت مىنمەسلىكى، توپىدا يۇمۇلاپ ئوينىماسلىقى ، يولدا ماڭغاندا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئوڭ قولنى بېسىپ مېڭىشى كېرەك. تورمۇزى يوق ۋىلىسپىتلەرگە مىنمەسلىكى بىر ۋىلىسپىتكە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مېنىپ، ماشىنا بىلەن بەسلىشىدىغان، ۋىلىسپىتنى ھەددىدىن زىيادە تېز ھەيدەيدىغان، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ، سوپەك ۋە ھارۋىلارغا ئىسلىپ يول تالىشىدىغان ئەخلاقسىز ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشى كىرەك.
مەكتەپنىڭ ئىچى- سىرتىدا بولسۇن ۋە ياكى ئائىلە، يولدا بولسۇن بىخەتەرلىكنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، توك سىملىرىنى خالىغانچە تۇتىدىغان، پەس ھەم ساڭگىلاپ قالغان سىملارغا ئېسىلىپ، كەپسىزلىك قىلىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش، تام ئۆگزىلەرگە چىقىش ، دەل-دەرەخلەرگە چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ، دەرەخ كەسكەندە تۈۋىدە ھاڭۋىقىپ تۇرماسلىق، يوغان، ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سامان، يول بويىدىكى پاخال، شاخ- شۇمبىلارنىڭ ئەتىراپىغا ئوت ياقماسلىق ، سەرەڭگە ئوينىماسلىق كىرەك.
پوجاڭزا ۋە ئويۇنچۇق تاپانچا ئاتىدىغان، پوجاڭزا ساقلايدىغان ناچار ئىللەتنى قەتئىي تۈزىتىش، بۇنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار، مېيىپ- ئاجىزلار ۋە ھامىلدارلارنى چۆچۈتىدىغان، قۇرقۇتىدىغان، ئۇلارنىڭ يىقىلىشىغا، يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، جەمئىيەتتە نېرۋىسى ئاجىز، مەجرۇھ ، مىيىپ كىشىلەرنى تېرىكتۈرمەسلىك، ئۇلارنىڭ زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
نۇركابىل لىنىيىلىرىنى ئاسراپ، ئەتىراپىنى كولايدىغان، دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، توك ئەسلىھەلىرى بىلەن قالايمىقان ھەپىلىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەتتىگەندە مەكتەپكە كەلگەندە يولدا ئوڭ تەرەپتىن مىڭىش چوڭ يولنى كىسىپ ئۆتكەندە قاتناشنىڭ مىڭىش ھالىتىنى تەپسىلى كۆزىتىپ، قاتناش ھادىسىنىڭ كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. كەچتە ئائىلگە قايتقاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللىشىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە تەشكىللىك ئاساستا بىخەتەر ئائىلگە قايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
ناتونۇش كىشىلەر ئۇچرىغاندا ئۇلاردىن ھۇشيار بولۇش، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئالدىنىپ قىلىشىتىن ساقلىنىش، شېرىن- شىكەر سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىك، تاكسىغا يالغۇز چىقماسلىق، قاراڭغۇدا يول يۈرمەسلىك، ئادەم يوق خىلۋەت جايلاردىن ماڭماسلىق كېرەك.
ساۋاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيىتپ ، ھاياتى بىخەتەرلىكنى قوغداپ ئائىلسىگە ۋە باشقىلارغا ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەسلىكنى ئۈمىد قىلمەن.
(تەھرىر : بەشتاش)
«بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دو
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(1)
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
- بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىپ،ھايا
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ