<< 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
«30-ئىيۇل» زوراۋانلىق-تىرورلۇق ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ماتىريالىنى
ئۆگەنگەندىن كىيىنكى تەسراتىم(2)
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېرى كەڭ، بايلىقى مول، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىنلىق چېگرا رايون. بۇ رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈستىدە توختىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى .
يېقىندا، خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئارقا – ئارقىدىن زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسى يۈز بېرىپ، بىگۇناھ ئامما ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلولىرى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسەتتى. قانلىق ئەمەلىيەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
زوراۋان – تېررورچىلار شىنجاڭدا خۇپىيانە ئەكسىيەتچىل سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، جىنايى تىغ ئۇچىنى خېلى بۇرۇنلا جەمئىيىتىمىزگە، نورمال تۇرمۇشىمىزغا قاراتتى. ئۇلار خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خالىغانچە زىيان يەتكۈزدى، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە زىيان سالدى، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ ۋە ۋەھشىي بولدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىپ، قەستەن مىللىي قارشىلىق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى ھەممىگە ئايان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، زوراۋان تېررورچىلار كۆپ قېتىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلولىرىنى تۇغدۇردى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بارغانسېرى قەبىھلەشمەكتە، ئەشەددىيلەشمەكتە. ئۇلار خەنزۇ ئاممىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغىمۇ زوراۋانلىق قىلدى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى.
« زوراۋان تېررورچىلار » تار مەنىدىكى چىكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ،مىللى زىددىيەت پەيدا قىلىپ،مىللى ئۆچمەنلىك ۋە مىللى قارشىلىشىش قوزغىدى؛ئۇلار دىنىي ئەسەبىي قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ،دىنىي ئەسەبىي كۇچلەرنى قۇترىتىپ،«غازات»ئىدىيسىنى تەرغىپ قىلىپ،بىر تەرەپتىن جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرسا،يەنە بىر تەرەپتىن ھەدەپ زوراۋانلىق،تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى بۇزدى.ئۇلارنىڭ تۇپ مەقسىتى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ،شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ،ئاتالمىش«شەرقى تۇركىستان ئىسلام دۆلىتى»قۇرۇپ،شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشقا ئۇرۇنۇش.
«زوراۋان تېررورچىلار »بارلىققا كەلگەن كۇندىن باشلاپلا،خەلقئارادىكى تېرورچى كۇچلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.كۆپ يىللاردىن بۇيان،« زوراۋان تېررورچىلار »ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يىتىش ئۇچۇن،شىنجاڭدا كۆپ قىتىم ئىنسان قىلىپىدىن چىققان،كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرىدىغان زوراۋانلىق،تېرورلۇق دىلولىرىنى پەيدا قىلدى. « زوراۋان تېررورچىلار »بارلىققا كەلگەن كۇندىن باشلاپلا،خەلقئارادىكى تېرورچى كۇچلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.كۆپ يىللاردىن بۇيان،« زوراۋان تېررورچىلار »ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يىتىش ئۇچۇن،شىنجاڭدا كۆپ قىتىم ئىنسان قىلىپىدىن چىققان،كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرىدىغان زوراۋانلىق،تېرورلۇق دىلولىرىنى پەيدا قىلدى.
« زوراۋان تېررورچىلار »غا قەتئىي زەربە بىرشتە،« زوراۋان تېررورچىلار »بىلەن بولغان كۆرەشنىڭ ماھىيتىنى ئىنىق تونۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۇرلىكىنى،«30-ئىيۇل»ئۇرۇش،چىقىش ،كۆيدۇرش،پارتلىتىشتىن ئىبارەت ئىغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنىڭ ھەرمىللەت خەلقىگە چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى « زوراۋان تېررورچىلار »نىڭ قەبىھ خاراكتىرى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيتىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. « زوراۋان تېررورچىلار »بىلەن بولغان كۆرەش مىللى مەسىلىمۇ ئەمەس،دىننىي مەسىلىمۇ ئەمەس،بەلكى دۆلەتنىڭ بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۇپ مەنپەتىنى قوغدايدىغان،پارتىينىڭ ھاكىميەت يۇرگۇزۇش ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان كەسكىن سىياسى كۇرەش. « زوراۋان تېررورچىلار »نىڭ رەزىل نىيتىنى تولۇق تونۇپ،ئىقتىمائى مۇقۇملۇق،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق،ئاممىنىڭ تۇپ مەنپەتىنى قوغداش بايرىقىمىزنى ئىگىز كۆتۇرۇپ،دۇشمەننىڭ سۇيقەستىنى قەتئى بىتچىت قىلىپ،ئىسلاھات،تەرەققىيات،مۇقىملىق،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇچۇن ياخشى ئخقتىمائى مۇھىت يارىتىش ئۇچۇن ،خەلق ئوقۇتقۇچىسىلىق ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق،نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،مىللىي بۆلگۇنچلىككە قارشى تۇرۇش،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيسىنى بوشاشماي ياخشى ئىلىپ بىرىشىمنىڭ ناھايتى مۇھىملىقىنى ۋە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
(تەھرىر : admin)
« << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دو
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(1)
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
- بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىپ،ھايا
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ