" ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
" ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق بۆلگۇنچىلىك سۇيقەستلىرى مەڭگۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ
نۆۋەتتە، بىز ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پەيىتتىدە تۇرىۋاتىمىز، تەرەققىياتنىڭ كەلگۇسى چەكسىز گۈزەل.خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب كۇچى، ئۇيۇشچانلىقى ئۆزلۇكسىز كۇچۇيۇپ، شەھىرىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى تولۇپ تاشقان زور ئىشەنچ بىلەن ھاللىق جەمىيەت قۇرۇشتەك چوڭ ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىدى.بۇنىڭ بىلەن جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائىي تەرەققىياتى ، جەمىيەت مۇقۇملىقى چوڭ ۋەزىيەت تەقەززاسى بولۇپ ، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.ھەرقانداق دۇشمەن كۇچلەر بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
بىراق شۇنى تونۇپ يېتىش لازىمكى ، ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ بۆلگۇنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ئىرادىمىز بويىچە بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ غۇلجىدىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۆلگۇنچىلىك ، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى ئۇزاق تارىخىي سەۋەبلەرگە ۋە رىئال ، مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە. غەرىبتىكى دۇشمەن كۇچلەر سوتسىيالىستىك جوڭگۇنىڭ بىر پۇتۇنلۇكىنى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىنى ، شىنجاڭنىڭ مۇقۇم گۈللەپ ياشنىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ، شىزاڭدىكى مىللىي بۆلگۇنچىلەردىن پايدىلىنىپ ، دۆلىتىمىزگە قارىتا "غەرىبلەشتۇرۇش" " پارچىلاش"غەرىزىدە بولىۋاتىدۇ. ئۇلار مىللەت ،دىن مەسىلىلىردىن پايدىلىنىپ ، ئىش تېرىپ ، بۆلگۇنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۇرمەكتە. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى : چىگرا ئىچى –سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بىزگە بولغان سىڭدۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىدى. ئۇلار تەشكىللىك ، پىلانلىق ھالدا بىۋاستە تاللىماي پارتىلىتىش، ئوت قويۇش، يوشۇرۇن ئۆلتۇرۇش قاتارلىق رەزىل ئۇسۇللار بىلەن بىگۇناھ شەھەر ئاھالىلىرىغا زەربە بەردى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق زور كۆلەمدىكى تېرورلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. مۇشۇنداق مۇھىم پەيىتتە ، چىگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئورۇنلاردا "30-ئىيۇل""31-ئىيۇل ""18-ئىيۇل" ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلىق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ چىقتى.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00دا قەشقەر شەھىرىنىڭ تاۋۇغۇز يولى ، ئانا دىيار دوختۇرخانىسىنىڭ يىنىدا توختۇتۇپ قويۇلغان سۇڭخۇاجىياڭ ماركىلىق كىچىك تىپتىكى مىبۇس پارتىلاپ ئوت كىتىپ، ماشىنا ئىچىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەر نەق مەيداندا ئۆلگەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىيتىشچە ئىككى ئادەم ماشىندىن چۈشۈپ قىچىپ كەتكەن.
شۇ كۈنى كەچ بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00دا ئىككى نەپەر قارا نىيەت قەشقەر شەھىرىدىكى يىمەك-ئىچمەك كوچىسى ئىغىزىدا يىشىل چىراقنىڭ يىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان يۆجىن ماركىلىق ئاپتومۇبىلنىڭ خەنزۇ شوپۇرىنى ئۆلتۈرۈپ ئاپتوموبىلنى بۇلاپ، «خەيتىيەن جۇڭخۇا ئولتۇراق رايونى» ئۆي سىتىش بۆلۈمىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ، يول بويىدىكى بىگۇناھ ئاممىنى سوققان ، ھەمدە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، يول بويىدىكى ئاممىغا پىچاق تىقىپ، جەمئىي 8بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 27كىشىنى يارلاندۇرغان، نەق مەيداندا بىر نەپەر قارا نىيەت ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر نەپەر قارا نىيەت نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
«31-ئىيۇل» بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 16ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ «شىياڭشىي»كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىغىر پارتىلاش ھادىسىسى يۈز بىرىپ، ئوت كەتكەن. ج خ خەلق ساقچىلىرى ،ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندا ئتو كۆيۈۋاتقان ئۆيدىن بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىتىلىپ چىقىپ، ئەتراپتىكى بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە چاپقان. ج خ خەلق ساقچىلىرى كەسكىنلىىك بىلەن ئوق چىقىرىپ تۆت جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا ئىتىپ ئۆلتۈرگەن. بىر جىنايەت گۇماندارى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلش جەريانىدا ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسى يارلانغان. سىستاستىكغا ئاساسلانغاندا بۇ قىتىمقى ۋەقەدە تۆت بىگۇناھ ئامما ئۆلگەن. 14كىشى يارلانغان. نەق مەيداندىن جەمئىي ئۈچ ئورغاق، 2قىڭراق، 2خەنجەر، بىر قىلىچ قولغا چۈشكەن. دىلو سادىر قىلىپ قىچىپ كەتكەن ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ ئۈچ قىتملىق ۋەقە «30» ئىيۇل ۋەقەسى دەپ ئاتالدى.
ۋەقەدە 12نەپەر بىگۇناھ ئامما قازا قىلدى.
41نەپەر بىگۇناھ ئامما ۋە 3نەپەر خەلق ساقچىسى يارلاندى. بۇ دىلو تەشكىللىك ، پىلانلىق، ئىلىپ بىرىلغان نىشانى ئايدىڭ، ئۇسۇلى ئاددى، ۋاستىسى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئىغىر، زىينى چوڭ بولغان بىر قىتىملىق ۋەقە، زوراۋان تىرورچى-ئۇنسۇرلارنىڭ مەقسىتى خەزۇلار ئاممىسى توپلاشقان سورۇنلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلشتىن ئىبارەت.
دىمەك بۇ چىگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ پىلانلىق ، تەشكىللىك ۋە ئالدىن تەييارلىق قىلغان تېرورلىق قىلمىشى بولۇپ ، خاراكتىرى ئىنتايىن قەبىي، زىيىنى زور بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىميىتى ۋە قەبىھ ئەپتى- بەشرىسىنى، شۇنداقلا زوراۋانلىقققا يۇزلەنگەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىق ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىپ ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەت خىزمەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بىز نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۇرئىتى تەرەققى تاپقان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە تېز ئەمەس.ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تەرەققى تاپقان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئانچە تېز ئەمەس.بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي مىللەت مەنپەئەتى دەپ جار سالغان "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
"ئۇچ خىل كۇچ" لەر پەيدا قىلغان بىر يۇرۇش زوراۋانلىق ، تېرورلوق قىلمىشلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۇزۇمگە قارشى تۇرۇش، ھەرمىللەت خەلقنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ئاخىردا ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.بىزنىڭ "ئۇچ خىل كۇچ" لەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆرىشىمىزنىڭ ماھىيىتى "دىمۇكراتىيە" ۋە "كىشىلىك ھوقۇق" كۆرىشى ئەمەس، شۇنداقلا مىللەت ۋە دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن دۆلەتنى پارچىلاش ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى پىرىنسىپاللىق مەسىلە. ئۇلار تارىخنىڭ ئېقىمىغا خىلاپلىق قىلدى، ئۆز مىللىتىنى ئىچىگە ئالغان ھەرمىللەت خەلىقلىرىنىڭ تۇپ مەنپەئەتىگە خلاپلىق قىلدى ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلدى، مىللىتىنى ساتتى. ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جىنايەتكارلىرى، ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ ئورتاق دۇشمىنى . "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە زەربە بەرمىسەك مۇقۇملۇق بولمايدۇ، تەرەققىيات بولمايدۇ. ھەرمىللەت خەلقلىرىگە خاتىرجەملىك بولمايدۇ.
دۇنيادىكى بەزى بىر قالايمىقانچىلىق يۇز بەرگەن رايۇنلارغا قارايدىغان بولساق ناھايىتى مۇھىم بىر ساۋاق بار ، بۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ قۇدرەتلىك دىكتاتۇرا ئارقىلىق بۆلگۇنچىلەرگگ قاتتىق زەربە بەرمىگەندە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر چەكسىز بولۇپ ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۇتۇنلۇكىگە زىيان يەتكۇزۇپ، دۆلەتنى ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. دۇشمەنگە زەربە بەرگەنلىك خەلقنى قوغدىغانلىق، دۇشمەنگە كەڭچىللىك قىلىش ، خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۇزگەنلىك بولىدۇ.
بۇنىڭدىكى سىياسى مەقسەت ئوچۇق ھالدا دىنغا ئىشەنگۇچىلەرنى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۇمىتىگە قارشىلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭ مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلەر بىلەن بىمالال شۇغۇللىنىشقا كۇشكۇرتۇشتىن ئىبارەت.
دىنى ئەسەبىيلەرنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقارغان سەپسەتىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازلاش ئۇچۇن ، بىز ماركىسىزىمچە دىنىي كۆز قاراشنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمىز، بۇ ئارقىلىق ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ، زۆر كۆلەمدىكى ۋەزىپىلەر قانۇنغا بويسۇندۇرۇلغان دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلار ئۇچۇن ئورتاق كۆرەش قىلىمىز.
ماركىسىزىم – دىن بىر تارىخى شارائىتنىڭ مەھسۇلى ، ماركىسىزىم – لېنىنىزىم ئۇزۇل –كېسىل ماتىريالىستىك تارىخى كۆز قاراش ئارقىلىق دىننى چۇشەندۇرۇپ كېلىپ :"خوراپاتلىقنى تارىخ ئىسپاتلىسۇن" دەيدۇ. ماركىسىزىم ئوبىكىت ماددى دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. دىن دىن ئىجدىمائىي ئىقتىسادى بازىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلىك جەمىيەت ماددىي تۇرمۇش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققى قىلغان. مۇئەييەن تارىخى دەۋىرنىڭ ئىجدىمائى- ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئاستىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگۇرۇش سەۋەبىنى ئىزلىسەك ، " ئادەملەر دىننى بەرپا قىلغان""ھېچقانداق دىن ئادەمنى ياراتقان ئەمەس.
ماكىسىزىم شۇنداق دەيدۇكى ، دىن تەبئىي كۇچلەر ۋە ئىجدىمائىي كۇچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر خىل تەبئىي ئېڭى ۋە تەبئىي سەزگۈسى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن بىر خىل فانتازىيەلىك ئىنكاسنىڭ ئاستىن –ئۇستۇن بولۇشى ، بىر خىل ئاستىن- ئۇستۇن قىلىنغان دۇنيا قاراش.
ئېنگىلىس: " بارلىق دىنلار، پەقەتلا كىشىلەرنىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇشنى باشقۇرىدىغان سىرىتقى كۇچلەرنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى خام خىياللارنىڭ ئىنكاسى، بۇ خىل ئىنكاستا بۇ دۇنيادىكى كۇچلەر، بۇ دۇنيادىن ھالقىيدىغان كۇچلەرنىڭ شەكلىنى قوللىنىدۇ" دەيدۇ.("ماركىس، ئىنگىلىس، تاللانما ئەسەرلىرى 354-بەت، ئېنگىلىس:"دىيۇرنىغا قارشى") مانا بۇ دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ بېرىدۇ. بۇ ھېچقاچانمۇ دىنىي ئەسەبىلەر تەرغىب قىلغان " ئىمان" نىڭ" ماھىيىتى" ئەمەس. پارتىيە ھۆكۇمەت ماركىسىزىملىق دىنىي كۆز قاراشقا ئاساسەن بىر يۇرۇش مۇكەممەل ، پۇختا، ئىلمىي ئاساستا دىنى مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان سىياسەت ۋە سىتىراتىگىيەلەرنى تۇزۇپ چىقتى، ماركىسىزىم پىرولتاريەت سىياسى پارتىيەلەرنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى قوللايدۇ. دىننى ئىتىقاد پۇقرالارنىڭ ئەركىن تاللايدىغان شەخسى ئىشى . پاتىيىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ماركىسىزىمنىڭ دىننى نەزەريەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى تارىخى ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، دىننى مەسىلىلەرگە قارىتا ، دىننى مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇچۇن ھەرخىل سىياسەتلەرنى تۇزۇپ چىقىپ، ھەرخىل دىننى مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق بىر ياقلىق قىلدى. شىنجاڭدا دىنىي مەسىلىنىڭ مىللىكى ، ئاممىۋىلىق ۋە خەلىقئارالىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداش، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتلەرنى ياخشى ئىجدىمائىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ، دىنغا ئىتىقاد قكىلىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى.. نۆۋەتتە بۆلگۇنچى دۇشمەن كۇچلەر دىنى نىقاب قىلىپ ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى سۇيقەستلىرىگە ئۇنۇملۇك چەك قويۇش ئۇچۇن بىز شۇنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلەيمىزكى ، پارتىيەنىڭ دىننى ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئۇنۇملۇك چۇشەندۇرۇش ۋە توغرا ئىجرا قىلىشىمىز لازىم. پارتىيىمىزنى دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى- پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىم نامايەندىسى شۇنداقلا خلق بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئېھتىياجى . بىراق دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش دىگىنىمىز – دىننى تەشەببۇس قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، دىن ساھەسىنى كىڭەيتىش دىگەنلىكمۇ ئەمەس، پارتىيىمىزنىڭ دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى - ھەرقايسى پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگىمۇ ھەم دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگىمۇھۆرمەت قىلىدۇ.دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە دىنى باشقۇرۇشى بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرپى. شۇنداقلا قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى . دىن- ئاساسىي قانۇن، قانۇن – تۇزۇم ، قانۇن قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلەر دائىرسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. دۆلىتىمىزدە سىياسى بىلەن دىن، دىن بىلەن مائارىپ ئايرىۋىتىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. لىكىن دىننىڭ دۆلەتنىڭ سىياسى قانۇن ، ئەدىليە ۋە مائارىپقا ئارلىشىشىغا يول قويمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن سىياسەت ۋاستىلىرى، مائارىپ ۋاستىلىرى، مەمۇرىي ۋاستىلەر قاتارلىق ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۇنۇملۇك كۇچەيتىپ، بوشاشماستىن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، كۆرۇلگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر ياقلىق قىلىپ ، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۇەۇتۇش، مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقۇملۇقىغا ، شىنجاڭنىڭ ، ئىلىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ، ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
بۇگۇن ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىياتقا ، پاراۋانلىقىقا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىجدىمائى مۇقۇملۇقىغا بولغان ئارزۇسى ھەممىدىن قىزغىن.شىنجاڭ غۇلجىدىن ئىبارەت بۇ ئانا تۇپراقتا " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش شەپىسى سېزىلگەن ھامان ئۇلارنى قەتئىي تازلىشىمىز، قەيەردە " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ، بۆلگۇنچىلىكى كۆرۇلگەن ھامان ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز لازىم. " 18-ئىيۇل" ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن ، پارتىيە ، ھۆكۇمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار دەرھال قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىپ ، ئىجدىمائىي مۇقۇملۇق ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىۋىنى ساقلاپ قالدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق بۇزغۇنچىلىق ، بۆلگۇنچىلىك قىلمىشلىرى، قۇدرەتلىك خلق دىمۇكراتىيە دىكتاتۇرسىنىڭ زەربىسىدىن بىتچىت بولىدۇ . " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق بۆلگۇنچىلىك سۇيقەستلىرى مەڭگۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ
(تەھرىر : admin)
«" ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تە
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دو
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(1)
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ
- بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىپ،ھايا
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- 创建“花园式”学校自查自评报告
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- «ئىككى ئاساسەن»گە ھۇجۇم قىلىش خۇلاسە دوكلاتى
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(3)
- << 30-ئىيۇل>>زوراۋانلىق ... تەسرات(2)
- مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەق
- دۆلتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64يىللىقىنى تەبرىكل
- 库木库萨尔乡中心小学标准化建设评估学校自评自查报告
- زوراۋانلىق - تېررورلۇق...تەسرات(4)
- " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق ب
- «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تول
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”工作发展的汇报
- مۇزىكا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش خۇلاسىسى
- 库木库萨尔乡中心小学创建“花园式学校”实施情况的自查报告
- ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ