چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
57–نومۇرلۇق
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى›› 2012–يىل 6– ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2012–يىل 6–ئاينىڭ 30–كۈنى
(2012–يىلى6–ئاينىڭ30–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
مۇندەرىجە
1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2–باب جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشى – كىرىشى
3–باب چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشى – چىقىشى
1)پاراگراف ۋىزا بېجىرىش
2 ) پاراگراف چېگرادىن كىرىش – چىقىش
4 – باب چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشى
1)پاراگراف ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە تۇرۇش
2) پاراگراف مەڭگۈ تۇرۇش
5 – باب چېگرادىن چىققان، كىرگەن قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرىنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش
6 – باب تەكشۈرۈش ۋە قايتۇرۇۋېتىش
7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
()
1 – ماددا بۇ قانۇن چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى ئالاقە ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشىنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشىنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا شۇنىڭدەك قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشىنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا دۆلەت جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىقى، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزماسلىقى كېرەك.
4 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چېگرادىن چىقىش – كىرىشكە دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەرگە چېگرا سىرتىدا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋىزا بەرگۈچى ئورگان دېيىلىدۇ) مەسئۇل بولىدۇ. چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشكە چېگرادىن چىقىش – كىرىش چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشى ۋە تۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش، ۋاقىتلىق تۇرۇش، تۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقىغا مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇشتا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشى، مەسئۇلىيىتى بويىچە، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا بىنائەن يۈرگۈزۈشى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
5 – ماددا دۆلەت چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى بىر تۇتاش بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
6 – ماددا دۆلەت ئېچىۋېتىلگەن پورتلاردا چېگرادىن چىقىش– كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى قۇرىدۇ.
جۇڭگو پۇقرالىرى، چەت ئەللىكلەر شۇنىڭدەك قاتناش– تىرانسپورت قوراللىرى ئېچىۋېتىلگەن پورت ئارقىلىق چېگرادىن چىقىشى – كىرىشى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋالدا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق تەستىقلىغان جاي ئارقىلىق چېگرادىن چىقسا، كىرسە بولىدۇ. چېگرادىن چىقىدىغان – كىرىدىغانلار ۋە قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرى چېگرادىن چىقىش – كىرىشتە چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرتۈشى كېرەك.
چېگرادىن چىقىش – كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى پورتتىكى چەك قويۇلغان دائىرىنى باشقۇرىدۇ. چېگرادىن چىقىش – كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگرادىن چىقىدىغان – كىرىدىغانلار ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملارنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، چېگرادىن چىقىش – كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى چېگرادىن چىقىدىغان، كىرىدىغان قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرىدىكى يۈكنى چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن، تاموژنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
7 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، چېگرادىن چىقىش– كىرىشنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگرادىن چىققان، كىرگەنلەرنىڭ بارماق ئىزى قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىيو پەرق ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش، چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ كېلىدىغان تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.
8 – ماددا چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق ۋە ئاپپارات ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پۇقراغا قولايلىق، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى، بىخەتەر، قولايلىق بولغان چېگرادىن چىقىش – كىرىش تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
«چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:يوق
- . چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇن
- . ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا
- . قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سوئال سوراش ۋە
- . ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتىگە قانداق ئ
- . ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› دا يېمەكلىك
- . 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا
- . مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ
- . يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھ
- . دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتى
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپا
- . خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرل
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇن
- . ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا
- . قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سوئال سوراش ۋە
- . ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتىگە قانداق ئ
- . ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› دا يېمەكلىك
- . 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا
- . مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ
- . يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھ
- . دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتى
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قى
- . ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- . مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- . 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . دىن ئىشلىرى نىزامى
- . جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
- . «ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارا
- . ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا