| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتىگە قانداق ئەھۋالدا جى

ۋاقىت : 2012-12-30 22:58 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتىگە قانداق ئەھۋالدا جىنايەت بېكىتىلىدۇ؟

ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتىگە قانداق ئەھۋالدا جىنايەت بېكىتىلىدۇ؟


   ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتى ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئېلان باشقۇرۇش  بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ، ئېلان ياكى مۇلازىمەت ھەققىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېغىر قىلمىشنى  كۆرسىتىدۇ.
    ساختا ئېلان چىقىرىش جىنايىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
    بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى–تەرۇز قىلىش ئوبيېكتى دۆلەتنىڭ ئېلان باشقۇرۇش تۈزۈمى، جىنايەت نىشانى ئېلاندىن ئىبارەت. بۇ جىنايەت  ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئېلان باشقۇرۇش قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ تاۋار ۋە مۇلازىمەت توغرىسىدا  ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى پەقەت ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان  چىقارغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ جىنايەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاسىتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. يەنى ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان  تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار ساختا ئېلان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.
    ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش  تەۋەلىكىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى دېلو ئېچىپ سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى››دە: ‹‹ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان  تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ساختا  تەشۋىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلگەنلىرى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ›› دەپ  بەلگىلەنگەن.
    1) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار؛
    2) يالغۇز ئىستېمالچىنى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كۆپ ئىستېمالچىنى 200 مىڭ  يۈەندىن يۇقىرى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
    3) تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش نامى بىلەن ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن  ئادەمنى ئالداپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار؛
    4) يۇقىرى سومما ئۆلچىمىگە يەتسىمۇ، لېكىن ئىككى يىل ئىچىدە ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىككى  قېتىمدىن يۇقىرى مەمۇرىي جازاغا تارتىلغانلار ۋە ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلار؛
    5) باشقىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتە زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛
    6) قىلمىشى ئېغىر باشقا ئەھۋاللار.
    بۇ جىنايەتكە بېرىلىدىغان جازا مەسىلىسىدە، دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 222–ماددىسىدا: ‹‹دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە  خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدىكى ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان  تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ  ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>