ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈ
1996- يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 73 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە بېقىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ياشانغانلار 60 ياشتىن ئاشقان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش،سالامەتلىك شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلايدۇ، ياشانغاندا بېقىلىش، داۋالىنىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆگىنىش، كۆڭۈللۈك ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
4 -ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ياشانغانلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
ياشانغانلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خورلاش ياكى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
5- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلار ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماس ھالدا راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتۇرىدۇ، كونكرېت ئاپپاراتنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
6- ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتلىرى ياشانغانلارنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
7- ماددا پۈتكۈل جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى بېقىش تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، بېقىش توغرىسىدا ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.
ياشانغانلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
8- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، بېقىش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات، ئائىلە ياكى شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
9-ماددا ياشانغانلار قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.
2- باب ئائىلىدە بېقىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش
10-ماددا ياشانغانلار بېقىلىشتا ئاساسلىقى ئائىلىگە تايىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.
11- ماددا باققۇچى ياشانغانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلەش، تۇرمۇش جەھەتتە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتە تەسەللى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ياشانغان كىشىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
باققۇچى ياشانغان كىشىنىڭ پەرزەنتى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە بېقىش مەجبۇرىيىتى بار باشقا كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
باققۇچىنىڭ جورىسى باققۇچىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
12-ماددا باققۇچى ياشانغان كىشى كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىش خىراجىتى بېرىشى ۋە قارىشى كېرەك.
13 ‿ماددا باققۇچى ياشانغان كىشىنى مۇۋاپىق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم، ياشانغان كىشىنى شارائىتى ناچار ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ.
ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيى ياكى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىنى پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، مۈلۈك ھوقۇقى مۇناسىۋىتى ياكى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىنى رېمونت قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
14-ماددا باققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ھۆددىگە ئالغان يېرىنى تېرىپ بېرىش، دەل - دەرەخلىرى ۋە چارۋا - ماللىرىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار، تاپاۋىتى ياشانغان كىشىگە تەئەللۇق بولىدۇ.
15-ماددا باققۇچىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ۋە باشقا سەۋەب كۆرسىتىپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ياشانغان كىشى ئۇنىڭدىن بېقىش خىراجىتى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
باققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىدىن مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەكنى قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16‿ماددا ياشانغان كىشى بىلەن جورىسىنىڭ ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار.
ئاكا - ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۇكا - سىڭىللاردىن قۇربى يېتىدىغانلىرىنىڭ ياشانغان، باققۇچىسى يوق ئاكا - ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.
17 ‿ماددا باققۇچىلار بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلسا ھەمدە ياشانغان كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالسا بولىدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى باققۇچى تۇرۇشلۇق تەشكىلات كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
18 ‿ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى، قايتا نىكاھلىنىشى ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىن تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى ياشانغان كىشىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تۈگەپ كەتمەيدۇ.
19‿ماددا ياشانغانلار ئۆز مال - مۈلكىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پەرزەنتلىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا، ياشانغان كىشىنىڭ پۇل - ماللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ياشانغانلار قانۇن بويىچە ئاتا - ئانىسى، جورىسى، پەرزەنتى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا، ھەدىيىنى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
3 ‿باب ئىجتىمائىي كاپالەت
20- ماددا دۆلەت ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
21 ‿ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ۋە باشقا تەمىناتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەشكىلاتلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇق بېرىشى شەرت، سەۋەبسىز ئارقىغا سوزۇشقا، ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ.
22- ماددا يېزىلار ئەھۋالغا قاراپ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن باشقا، شارائىتى بارلىرى يەنە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ھۆددىگە بېرىلمىگەن بىر قىسىم يەر، تاغ ئورمىنى، سۇ يۈزى، سايلىق قاتارلىقلارنى ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم بىلەن ياشانغانلارنى باقسا بولىدۇ.
23 ‿ماددا شەھەرلەردىكى ياشانغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان، باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسى بولمىغانلارغا ياكى ئۇلارنىڭ باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسىنىڭ ھەقىقەتەن بېقىش ئىقتىدارى ياكى يار - يۆلەك بولۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىرىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.
يېزىلاردىكى ياشانغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان، باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسى بولمىغانلارغا ياكى باققۇچى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىلاردىن ھەقىقەتەن بېقىش ئىقتىدارى ياكى يار - يۆلەك بولۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىرىغا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، يېتىپ - قوپۇش، داۋالىنىش، دەپنە قىلىشتەك بەشتە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
24- ماددا پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ياشانغانلار بىلەن يار - يۆلەك بولۇش كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى باشقا ياردەم بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
25- ماددا دۆلەت كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ئالاقىدار تارماقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چارىسىنى تۈزۈپ، ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان داۋالىنىش تەمىناتى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى شەرت.
26 ‿ماددا ياشانغانلار كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆزى ۋە باققۇچىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ھەقىقەتەن قۇربى يەتمىسە، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئەھۋالغا قاراپ، مۇۋاپىق ياردەم بەرسە ھەمدە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
27 ‿ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياشانغانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، 70 ياشتىن ئاشقانلار كېسەل كۆرسەتسە ئالدىن كۆرۈشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار ياشانغانلار ئۈچۈن ئائىلە كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىپ، سەييارە داۋالاش قاتارلىق مۇلازىملىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
28- ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار تېبابىتى تەتقىقاتى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ، ياشانغانلار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
تۈرلۈك شەكىلدىكى سالامەتلىك تەربىيىسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياشانغانلار سالامەتلىكىنى ئاسراش ساۋاتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىنى ئاسراش ئېڭى كۈچەيتىلىدۇ.
29 ‿ماددا ياشانغانلار تۇرۇشلۇق تەشكىل ئۆي تەقسىم قىلغان، تەڭشىگەن ياكى ساتقاندا ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئالاقىدار ئۆلچەمگە ئاساسەن ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
30- ماددا شەھەر - بازارلاردىكى جامائەت ئەسلىھەلىرى، ئاھالە رايونى ۋە ئولتۇراق جاينى يېڭىدىن قۇرغان ياكى ئۆزگەرتكەندە، ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىش، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە پائالىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش كېرەك.
31 ‿ماددا ياشانغانلار داۋاملىق تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
دۆلەت ياشانغانلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ياشانغانلار مەكتەپلىرىنى ياخشى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلار مائارىپىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك.
32 ‿ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارغا مۇۋاپىق ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.
33- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ ياشانغانلار پاراۋانلىق ساناتورىيىسى، ياشانغانلار ساناتورىيىسى، ياشانغانلار ياتىقى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش - ساقىيىش مەركىزى ۋە ياشانغانلار مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى سورۇنى قاتارلىقلارنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە يار - يۆلەك بولىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ياشانغانلار پاراۋانلىق ئىشلىرى سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى، ياشانغانلار پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى كېرەك.
34- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنى ياشانغانلار تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىشقا يېتەكلەيدۇ.
35 ‿ماددا مەھەللىۋى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا ئېھتىياجلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى، كېسەلگە قاراش ۋە ئۇنى ساقايتىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تۈرلىرىنى تەدرىجىي قۇرۇش لازىم.
قوشنىلار ئارا ياردەملىشىش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش، قوشنىلار ئارا قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم.
جەمئىيەتتىكى پىدائىيلارنىڭ ياشانغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
36- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىش، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياشانغانلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
37 ‿ماددا يېزىلاردىكى ياشانغانلار مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە جۇغلانما ئەمگەكنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
38- ماددا رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرناللار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، ياشانغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
39‿ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراپ دەۋا قىلغاندا، دەۋا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، تاپشۇرۇش كېچىكتۈرۈلسە، كېمەيتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، ئادۋوكاتنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ، ئادۋوكاتلىق ھەققىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشسە بولىدۇ.
4 ‿باب ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش
40 ‿ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ياشانغانلارنىڭ بىلىمى، ماھارىتى ۋە ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى، ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ياشانغانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
41- ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىمكانىيەتكە قاراپ، ياشانغانلارنىڭ ئىختىيار قىلىش ۋە مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش ئاساسىدا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ:
(1) ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا سوتسىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم تەربىيىسى ۋە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش تەربىيىسى قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنە تەربىيىسى بېرىش؛
(2) مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىش؛
(3) مەسلىھەت مۇلازىملىقى قىلىش؛
(4) پەن - تېخنىكا يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش؛
(5) قانۇن بويىچە تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(6) جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش؛
(7) جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشقا قاتنىشىش، ئەل ئىچى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشقا ھەمكارلىشىش؛
(8) باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.
42‿ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك كىرىمى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
5- باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
43 ‿ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىسا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچراش ھەققىدىكى ئەرز، شىكايەت ۋە پاش قىلىشنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى لازىم، بىر - بىرىگە ئىتتىرىشكە، ئارقىغا سوزۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
44 ‿ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان تارماققا ياكى تەشكىلگە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزەتكۈزىدۇ.
دۆلەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى ئۇلار تۇرۇشلۇق تەشكىل ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزەتكۈزىدۇ ياكى ئۇلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
45 ‿ماددا ياشانغانلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بېقىش، يار - يۆلەك بولۇش ياكى ئولتۇراق ئۆي، مال - مۈلۈك توغرۇلۇق ماجىرالىشىپ قالسا، ئائىلىسىدىكىلەر تۇرۇشلۇق تەشكىل ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى ماجىرانى مۇرەسسە قىلغاندا، ئائىلىسىدىكىلەردىن خاتالىقى بارلىرىغا تەنقىد - تەربىيە بېرىلىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى ياشانغانلارنىڭ بېقىش خىراجىتى ياكى يار - يۆلەك بولۇش خىراجىتىنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىپ ئالدىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
46 ‿ماددا ياشانغانلارغا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاشكارا ھاقارەت قىلغان، پاكىت ئويدۇرۇپ تۆھمەت چاپلىغان ياكى ياشانغانلارنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
47 ‿ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىۋالغان ياكى ياشانغانلارنى بېقىش ۋە ئۇلارغا يار - يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق بېقىش، يار - يۆلەك بولۇشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
48 ‿ماددا ئائىلىسىدىكىلەردىن ياشانغانلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، قاقتى - سوقتى قىلىش، قەستەن ۋەيران قىلىش قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
6- باب قوشۇمچە پرىنسىپ
49- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى بۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىدىكى كونكرېت ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
50- ماددا بۇ قانۇن 1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
()
«ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپا
- . خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرل
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى قانۇن ب
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپا
- . خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرل
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . دىن ئىشلىرى نىزامى
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
- . جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- . «ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارا
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ