| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› دا يېمەكلىك بىخەتەرلىك

ۋاقىت : 2012-12-30 22:55 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› دا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلىتىلدى


   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 – فېۋرال ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە 3 – قېتىم  قاراپ چىقتى. ‹‹لايىھە››دە زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلىتىلدى.
   ئىلگىرىكى ‹‹لايىھە››دە، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش  كىرگۈزۈلگەنىدى: ‹‹ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكلەرگە زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك خۇرۇجىنى ئارىلاشتۇرغان ياكى زەھەرلىك،  زىيانلىق يېمەكلىك خۇرۇجى ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق  جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن  ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە  قويۇلىدۇ؛ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك  بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ››.
   بىر قىسىم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ۋەكىللەر: بۇ جىنايەتكە بېرىلىدىغان جازانى ئېغىرلىتىشتا، ‹‹بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك  قاماق جازاسى بېرىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش›› تىكى ‹‹تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ  تەكلىپ بەردى.
   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى تەكلىپكە ئاساسەن بۇ بەلگىلىمىگە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى: ‹‹ ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىككە زەھەرلىك، زىيانلىق خۇرۇج ئارىلاشتۇرغان ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك خۇرۇجى  ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە  قويۇلىدۇ›› .

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>