دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتىش قىيىن ئەم
دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئىشىدا كىشلەرنىڭ گۇمانىنى ئازايتىش قىيىن ئەمەس
جياڭ خۇڭ
10-دېكابىر، 2013-يىلدىكى قىسمەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 10-دېكابىر تېلىگىراممىسى)، بۇ كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يالغۇز خەت جەھەتتىن قارىغاندا بىرەر نەرسىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ، لېكىن كالىندار بىلەن سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن كىشىلەردە«بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدى كەينىدە، ئۇدا يەتتە سەككىز كۈن ئىشلەيدىغان نۇرغۇن خىزمەت كۈنى بار، بۇ پۇقرالارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەمدۇ- قانداق؟» دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر پەيدا بولىدۇ.
ئالتۇن ھەپتىلىك، ئۇزۇن-قىسقا دەم ئېلىش ۋە بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمىشە كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلدى.نېمە ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنى كۆپەيسە، ئەكسىچە ئاممىنىڭ پىكىر چىقىدۇ؟ بەزىلەر ھەممىگە ياراتماق تەس دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئەلۋەتتە داۋلىسى بار. لېكىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئاممىنىڭ گۇمانىنى ئازايتىشنىڭ ئامالى بارمۇ-يوق؟
بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئاددىي ھالدا ئۇدا بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىش، بىر نەچچە كۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى ئەمەس، ئەڭ تۈپ مەسىلە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بۇلۇش-بولماسلىقىدا، ئىدارىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىگە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىدا، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقوقىنى قوغداشقا قوغداشقا پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىدا. ئالدى بىلەن 2013-يىلدىكى يېڭى يىل مەزگىلىدىكى دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قاراپ باقايلى؛ يىل ئاخىردا 31-دېكابىر دۈشەنبە بولۇپ، بىر كۈن خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەككىز كۈن ئىشلەيدۇ. كۆپ قىسىم خىزمەتلەرنىڭ دەۋرى قىلىشى بىر كۈن بولمىغانلىقتىن، پەقەت بىر كۈنلۈك بۇ خىزمەت كۈنىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ ئەجىبا خىزمەتنى ئەمدى باشلاپلا توختاش كېرەكمۇ؟ يەنە ئۇدا سەككىز كۈن خىزمەت قىلىشقا ئەمگەكچىلەر چىدىيالامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە 31-دېكابىر، 1-يانىۋار، 2-يانىۋار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدېن كېيىن پەيشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە ئىشلەپ، يەكشەنبە كۈنى دەم ئالسا، ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىغاندا، دەم ئېلىش كۈنى بىلەن خىزمەت قىلىش كۈنى كۆپمۇ بولمايدۇ، ئازمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىمۇ ناتايىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يېتەرلىك ئاساسىي بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئاساسلىرىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، گۇمانلارنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ يۈرىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا گۇماننى بىر ئاز ئازايتىش قىيىن ئەمەس. بۇنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بايراملىق دەم ئېلش كۈنلىرى نېمە ئۈچۈن ئالماشتۇرۇلۇپ دەم ئېلىنىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشتىن سىرت، ئەگەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تېگىشلىك بولمىغان پەرەز قىلىشلارنى تۈگەتسە، گۇمان تەبىئىي ھالدا ئازىيىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتە خەلق رايىنى سىناپ بېقىش كېرەكمۇ -يوق؟ بۈگۈنكى كۈندە ئاممىنى تەدبىر بەلگىلەشكە تەرتىپلىك قاتناشتۇرۇش كەيپىياتقا ئايلاندى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قانۇن تۇرغۇزۇشنى ئاشكارىلاش، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاشكارىلاش، ئەدىلىيەنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىكىرىگە تولۇق قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىيىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىگە قويۇپ بېرىش ئاددىي ھالدىكى بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ ھەرقايسى تەرەپتىكى خىزمەتلەرگە چېتىلىدۇ، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك زور تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، مۇنداق تەدبىر بەلگىلەشمۇ ئاممىنىڭ سىناپ بېقىشىغا توغرا كېلىدۇ. دەل ئوبزوردا كۆرسىتىلگىنىدەك، ھازىرقى ئىلىم-پەن سەۋىيەسىگە ئاساسەن كۆپ يىللىق كالىندارنى ھېسابلاپ چىقىش كىچىك ئىش بولۇپ قالدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، مۇددەتتىن بىر يىل ياكى يېرىم يىل ئىلگىرىلا بىر نەچچە يۈرۈش كېلەر يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش لاھىيەسىنى تۈزۈپ، ھەرخىل يوللا ئارقىلىق ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ئاممىنى كەڭ قاتناشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەقىقي رايىنى چۈشۈنۈپ، ئاممىنىڭ رايىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، دەم ئېلىشنى ئىلمىي مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولامدۇ يوق؟
ھەرقانداق ئىشتا تالاش-تارتىش بولىدۇ. بايراملىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا ھەممە ئادەمنىڭ تەلىپىگە تولۇق تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھەممە ئادەمنى تولۇق رازى قىلىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن، گۇماننى بىر ئاز ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇنڭدا نېمىگە تايىنىش كېرە؟ قانۇنغا تايىنىش، تەرتىپكە تايىنىش كېرەك، بايراملىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلمىي، دېمۇكىراتىك تەرتىپكە تايىنىش ئارقىلىق ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغاندا، ئاممىنىڭ گۇمانى تەبىئىي ھالدا ئازىيىدۇ.
بۇ ئاممىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا تۇنجى قېتىم گۇماندا بولۇشى ئەمەس، لېكىن گۇمان قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى بىپەرۋالىق قىلىشنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. يىلدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان گۇمان يەنە ھەر يىلى داۋاملىق تەكرارلىنىۋەرمەسلىكى كېرەك.
()
«دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتىش قىيىن ئەم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى كىنى
- . يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھ
- . دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتى
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپا
- . خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرل
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھ
- . دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتا گۇمان ئازايتى
- . ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىس
- . ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپا
- . خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدىكى سەككىز تۈرل
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . دىن ئىشلىرى نىزامى
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
- . جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- . «ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارا
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ