| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىسە كۆرۈ

ۋاقىت : 2012-12-30 23:10 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىسە كۆرۈلسە، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟


   ھازىر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە. ئۆگىنىش جەريانىدا، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە. ئۇنداقتا بۇنداق  ھادىسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئالدى بىلەن چوقۇم مۇنتىزىم شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە ئوقۇش كېرەك، ئەگەر مەشىق جەريانىدا  ھادىسە كېلىپ چىقسا، ئۆگەنگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
   دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى››نىڭ 12 – ماددا 2 – تارمىقىدا: ‹‹يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى  ئۆگىنىۋاتقاندا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن يول، ۋاقىت بويىچە مېڭىش كېرەك، يولدا موتورلۇق  قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشنى ئۆگىنىشتە مەشىق ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ئاپتوموبىلنى چوقۇم ئۆگەتكۈچى شوپۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە  ھەيدەش، مەشىق ئاپتوموبىلىغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك، ئۆگەنگۈچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقاندا،  قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلسا ياكى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، جاۋابكارلىقىنى ئۆگەتكۈچى شوپۇر ئۈستىگە  ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئۆگەنگۈچى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت ھەرخىل مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. شۇڭا  مەشىق جەريانىدا شوپۇرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىل ئۆگەتكۈچى شوپۇرنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ.  بۇ جەرياندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ ۋەقە سادىر بولسا، ئۆگەتكۈچى شوپۇر مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان دەپ قارىلىپ،  كېلىپ چىققان جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا  قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 8 – ماددا 1 – تارمىقىدا: ‹‹قانۇنىي ئىگىلەر ياكى  باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، ئادەمنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا، شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھەق تەلەپ  جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك ئۆگەتكۈچى شوپۇر شوپۇرلۇق مەكتىپىگە ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىتىش  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، بۇ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>