باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

توقۇمىچىلىقىمىز

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-29 17:33 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۈرۈش توقۇلىدىغان رەختنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ تەڭشىلىدۇ. ئۈرۈلىدىغان يىپنىڭ ئۇچى ئىككى شانا ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇستىكار ئالدىدىك

توقۇمىچىلىقىمىز

بۇمەريەم شېرىپ خۇشتار

tokumuqi,qokumuqilik,gazmal,raht,توقۇمىچى،گەزمال،رەخىت
tokumuqi,qokumuqilik,gazmal,raht,توقۇمىچى،گەزمال،رەخىت
 

خەلقىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان پاختا، يىپەك، يۇڭلاردىن ھەرخىل توقۇلمىلارنى توقۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن چىققان ۋە سىرتقا چىقارغان.

توقۇمىچىلىقىمىزنىڭ دەستىگاھلىرى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، ئەينى چاغدا ياغاچتىن ياسىلاتتى. بىر دەستىگاھ ئۈچۈن، ئادەتتە، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر سەينا بولسا كۇپايە. بۇ يەر «دۇكان» دەپ ئاتىلىدۇ.

دۇكانغا ئۇزۇنىسىغا ئىككى ياغاچ ئورنىتىلىپ، ئۈستىگە توغرىسىغا بىر ياغاچ، ئارقا تەرىپىگە ئۇستا ئولتۇرىدىغان بىر تاختاي، تاختاي ئالدىغا ئۈرۈش (توقۇلغان رەختنى ئورايدىغان چىغرىق)، ئاستى تەرەپكە باپكارنىڭ مەشغۇلاتى ئۈچۈن ئىككى تەپكە (تاختاي) ھازىرلىنىپ، تەپكىنىڭ ئۇچىغا شانىغا چېتىلىدىغان شوينا باغلىنىدۇ. بەزى دۇكانلاردا ئىككى شوينا، موكا، ناچا قاتارلىقلار بولىدۇ.

خام ئەشيا تەييارلاش: چىگىت چىغرىق بىلەن ئايرىلىدۇ، چىغرىقتا ئىككى ئوق بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوقى پۇت بىلەن، كىچىك ئوقى قول بىلەن بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى ئايلاندۇرۇلىدۇ. چىغرىقچى سول قولى بىلەن چىگىتلىك پاختىنى ئىككى ئوق ئارىسىغا سېلىپ چىگىتنى ئايرىپ، ئايرىلغان پاختىنى زەي تارتىپ دۇكان بىلەن ئېتىلدۇرۇپ پىلتە قىلىدۇ ھەم چاقتا ئىگىرىپ قومۇش نوكچىغا يۆگەيدۇ.

ئۈرۈش، تارتىش ۋە ئارقاق: ئۈرۈش توقۇلىدىغان رەختنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ تەڭشىلىدۇ. ئۈرۈلىدىغان يىپنىڭ ئۇچى ئىككى شانا ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇستىكار ئالدىدىكى چىغرىققا يۆگىلىدۇ. يەنە بىر ئۇچى دۇكاننىڭ ئالدىدىكى دارغا ئارتىلىپ، ئۇچىغا مۇۋاپىق مىقداردىكى تاش ئېسىلىپ، ئۈرۈش تەڭشىلىدۇ.

توقۇش ئۇسۇلى: ئۇستا دەستىگاھتا ئولتۇرۇپ قولىغا موكا ئالىدۇ ۋە ئىككى بارمىقى بىلەن شانىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ، بىر پۇتى بىلەن تەپكىنى تېپىدۇ. تەپكىنىڭ بىر تېپىلىشى بىلەن شانىنىڭ بىرى كۆتۈرۈلۈپ، يىپتا x شەكىل ھاسىل بولىدۇ، موكا ئەنە شۇنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ تەكرارلىقى رەختنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر