باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

كومپيۇتېرنىڭ ماگىنىتلىق دىسكىسىنى رايۇنغا بۆلۈشت

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-08 04:44 مەنبەسى: ئاپتورى: FonT كۆرۈلۈشى: قېتىم
diskgenius پەقەت قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا بۆلۈشكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىدىلىغان دىتال
تەلەي +1

كومپيۇتېرنىڭ ماگىنىتلىق دىسكىسى(تۆۋەندە دىسكا دەپ ئاتىلىدۇ)نى رايۇنغا بۆلۈش خۇددى سىزنىڭ ئۆز ئۆيىڭىزنى لاھىيىلىگىنىڭىزگە ئوخشاش خىلىلا باش قاتۇرىدىغان ئىش. بىلگەنلەرگە ئاسان، بىلمىگەنلەرگە كومپيۇتېرنىڭ دىسكىسىنى رايۇنغا بۆلۈڭ دىسە، خۇددى بىر قىلالمايدىغاندەك جاھاندىكى ئەڭ تەس ئىش مۇشۇ دىگەندەك ئويلارغا كىلىپ قالىدۇ.

كومپيۇتېرغا سىستىما قاچىلايدىغان ۋاقىتتا قاچىلاشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر يىڭى ئۆگەنگەن بولسىڭىز بىر كومپيۇتېرنى يېڭى سېتىۋىلىپ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كومپيۇتېرنى ئالغان ۋاقىتتا سېستىما قاچىلىتىۋالمىغىنىڭىز ئىسىڭىزگە كىلىپ بىشىڭىز قاتقانمۇ؟

بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق باش قاتقۇدەك ئىشمۇ ئەمەس، سىز ghost Xp نىڭ خالىغان بىرىنى ئەكىلىپ، دادىللىق بىلەن سىستىما قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. لىكىن سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىز رايۇنغا بۆلۈنمىگەن. ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە سىستىما قاچىلايمەن دىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدا پەقەت بىرلا رايۇن يەنى :C  لا بار بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن قاچىلايدىغان ھۆججەت- ماتىرىياللارنى پەقەت مۇشۇ رايۇنغىلا قاچىلاشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى:- ھەر قانداق ghost Xp نىڭ ئوپتىك دىسكىسىدا رايۇنغا بۆلۈش دىتالى تەمىنلەنگەن، ياكى بولمىسا شەكىللەشتۈرۈلگەن رايۇنغا بۆلۈش دىتاللىرى ئارقىلىق رايۇنغا بۆلۈپ، سىستىما قاچىلىسىڭىزمۇ، كومپيۇتېرنىڭ رايۇنغا بۆلۈنۈش ئەھۋالىدىن رازى بولۇشىڭىز مومكىن. لىكىن يەنە ئىقتىدارى ناھايتتى كۈچلۈك بىر دىتال بار بولۇپ، ئۇنىڭ نامى: diskgenius (قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا بۆلۈش)

سىستىما كۆرۈنۈشى:

مەشخۇلات مۇھىتى : Windows 2000/XP/2003/Vista/7

سىستىما تېلى: خەنزۇچە

چۈشۈرۈش ئادىرسى: بۇ يەرنى بىسىڭ

 diskgenius پەقەت قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا بۆلۈشكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىدىلىغان دىتال.

يەنى بۇ دىتال ئارقىلىق سىز خاتا ئۆچۈرۈپ قالغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالايسىز، خاتا فورماتلىنىپ كەتكەن دىسكا رايۇنى،  U دىسكا، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق كارتا قاتارلىقلاردىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئەگەر سىز دىققەتسىزلىكتىن كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشىلىتىۋىپ، تۇيۇقسىز قوزغىلالماي ياكى باشقا كاشىلىلار كۆرۈلسە دىققەتسىزلىكتىن كومپيۇتېرىڭىزنى پەقەت بىرلا رايۇن قىلىپ سالسىڭىز بۇنىڭدىن ئەنىسىرەپ كەتمەڭ، DiskGenius دىتالى ئارقىلىق قانچە قىتىم سىستىما قاچىلاپ سالغان بولسىڭىز ھەممىنى قايتۇرۇپ كىلەلەيسىز.

قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالالايسىز.

ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش ياخشى ئىش، لىكىن يوقاپ كەتكەن ئەمگەك مىۋىلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدۇ. لىكىن بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگەندە رەھمەتنى ئايىماي دەپ قويارسىز- ھە!  

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

FonTنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] ئۆزگىچە لاھىيلەنگەن ئىلان رەسىملىرى [ 2012-01-08 04:56:38 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېرنىڭ ماگىنىتلىق دىسكىسىنى رايۇنغا بۆلۈشت [ 2012-01-08 04:44:58 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] كومپيۇتېر توختىماي قايتا قوزغالسا قانداق قىلىمىز [ 2012-01-08 03:32:18 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
FonT تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-09 21:10 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-01-08 04:01
تەۋسىيەلەر