![]() |
ئىملايىمىزنى توغرىلاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى بولىدۇ. مەرھۇم ئاتاقلىق شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ بىر كۇپلىت شېئىرىدا
ئۇيغۇرتىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇرتىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليۇن بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇرتىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى ھەقداسى.
دىگەندەك ئۇيغۇر تىلى ئانا تىلىمىز. مەقسەتكە كەلسەم بىرقىسىم تورداشلىرىمىز تىما ئىنكاسلارنى يوللىغاندا ئىملا خاتالىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم. يېزىقىمىزنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن. تىما ئىنكاسلىنى يوللىغاندا يېزىق ئىملاسىغا دىققەت قىلساق. ياكى تەھرىرلىگۈچتىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە ئىملا خاتالىقىغا ئائىت بىر مىسال بىرىلدى.
ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتى
مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى بولۇپ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا، كۆپ پۇل كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا - كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ. ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار !
شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى. بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشى پوقتا. كۆرۈنىشى كۆركەم ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان. ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ. پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ . كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !
xx قۇرۇلۇش شىركىتى
مەنبە : « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2006 – يىلى 22- ماي سانىدىن
توردا ئىملا تەكشۈرۈش: يولغۇن تور ئىملا تەكشۈرگۈچ
توردا ئىملا تەكشۈرۈش:تور ئىملاچىسى
كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش: ئىلغار تەھرىرلىگۈچ
كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:كەنجى كوررىكتورى
كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ
VB6.0 ياشار ئىملا تەكشۈرگۈچ 1.0 نى قۇشۇمچە ھۆججەتتىن چۈشۈرۈڭ: ئىملا تەكشۇرگۇچ
ئىملايىمىزنى توغرىلاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|