بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە بولغاندا مەقئەت يولى قىزىرىپ، بەزىدە شەلۋەرەپ قالىدۇ، مانا بۇ «قىزىل كاسا» ياكى «تەرەت لاتىسى ياللۇغى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق بولۇشنى بالا چوڭ تەرەپ قىلغاندىن كېيىن پاكىز تازىلىماي مەقئەت ئەتراپىدا قېپقالغان تەرەت قالدۇقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە پاكىز تەرەت لاتىسىنى يەڭگۈشلەش، بالا چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن پاختا بىلەن ياكى ئىلمان سۇغا چىلانغان يۇمشاق لاتا بىلەن مەقئەت ئەتراپىنى ئاستا سۈرتۈپ تازىلاش، ئاندىن ئاز مىقداردا پاكىز ئۆسۈملۈك مېيىنى سۈركەش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا تاننىك كىسلاتا مەلھىمى سۈرسە شىپا تاپىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !