«قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ» ھەققىدە
(ئوبزور)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا كۆپ، ھەتتا بىر مىللەت يات شەھەردە بىر-بىرىنى تونۇۋالالايدۇ، بولۇپمۇ بىز بۇ جەھەتتە تىپىك خەلق.
ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىدىنلا شېئىر گۈزەللىكى بالقىپ تۇرىدۇ، شائىر روزى سايىت بىلەن بولغان دىلكەشلىكىنى بۈگۈنگىچە سۈرۈپ كەلگەن يازغۇچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىدە نەسرىي شەكىل بىلەن شېئىرىي رېتىم، ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن خوتەنچە زاغرا تىل ناھايىتى ئەپچىل بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەننى باشقىچە جەلپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ «پەرھات-شىرىن» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ تولىمۇ زوقلانغانىدىم، بۇ ھېكايىسىنى ئوقۇپ يەنە باشقىچە ھۇزۇرلاندىم. تىلىدىنلا ئەمەس، كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلە ۋە ئۇنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بەدئىي ماھارىتىدىنمۇ زوقلاندىم. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ، كاۋىنىڭ پىلىكىدەك چىرايلىق ئۆسكەن”سېرىق“ھۆرنىسانىڭ سىماسى، تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كەتتىم؛ يېزا دېگەندە چىرايلىق قىز ئاز ئەمەس، چىرايلىق قىز دائىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسى، ئەخلاقنىڭ چىگىش نۇقتىسى. تىلىغا ھېسسىياتتىن رەڭ بېرىشكە ئۇستا يازغۇچىنىڭ قايسى بىرى ئۆز قەۋمىدىكى چىرايلىق قىز، ئاياللار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن؟ مۇھەببەت، گۈزەللىك، رەزىللىك، تراگېدىيە ھەققىدە ھاياجانلىنىپ ياكى ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازمىغان؟ دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن جۇلالىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇنىڭدا گۈزەللىك بار، بۇ گۈزەللىك قېتىدا ئايال بار. توم-توم كىتابلاردا ساقلىنىپ ياتقان تالاي سىمالار، خاراكتېرلار تىرىك روللار ئارقىلىق بىر-بىرلەپ كىنو ئېكرانلارغا چىقتى، كۆردۈق، كۆرۈۋاتىمىز؛ بىزدىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلسە «كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بولسا-ھە!» دەۋاتىمىز. ئەمما بەزى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئوقۇپ ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە چەكلىنىپ قالىدىغان يېرى بار. بۇ ھېكايىدە ئۆزگىچە بىر مۇھىت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خىلۋەت يېزا مەنزىرىسىنى، غۇرۇرى كۈچلۈك ئەرلەرنى، مەزلۇم ئاياللارنى يېنىمىزدا باردىكىدەك كۆرەلەيمىز، ئاۋازىنى ئاڭلىيالايمىز، دەرتلىرىگە مۇڭداش بولالايمىز، ئېچىنىمىز، ئاخىرىدا ھەسرەتلىنىپ شۈكلەپ قالىمىز.
ھېكايىدە يېزىلغان ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مەسىلىسى ھازىر ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلە. چوڭ جەھەتتىن بۇ بىر سىياسەت، بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسى، ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇ رىئاللىقنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىچكىرىگە ھۆرنىسادەك قىزلارنىڭ يۆتكەلگىنى راست، ناتونۇش مۇھىتتا ئۇلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىشلارغا يولۇققىنى راست، ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنى راست. ئەدەبىي ئەسەر رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغانىكەن، بۇلارنىمۇ يېزىش كېرەك. قانداق يېزىش كېرەك؟ نېمىنى يېزىش كېرەك؟ يازغۇچى بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلانغان، كاللىسىنى چىرمىۋالغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان ھالدا ئويلانغان، ئاخىرىدا بىز كۆرگەندەك بىر ۋەقەلىكنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىپپەت، غۇرۇر مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كۆكقۇم مەھەللىسى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى كۈجۈم مەھەللىلەردىن بىرى، بەلكى يېزىلاردىكى نۇرغۇن مەھەللىلەرنىڭ بىرى، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسىمۇ شۇ خىلدىكى دېھقان ئائىلىلەرنىڭ بىرى؛ بۇنداق مەھەللە ۋە ئادەملەرنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ، «تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئارقىلىق تىپىك ۋەقەلىك ۋە تىپىك مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش» دېگەن كونا قائىدە بۇ ھېكايىدە شۇنچىلىك ئەسقاتقان ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانكى، يازغۇچى ئۆزىنىڭ پىشقان ماھارىتى ئارقىلىق كونا ئەدەبىيات قاراشلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارغا دەرس بەرگەن. دېمەك، ئەدەبىياتتا مەڭگۈلۈك قائىدە يوق، ھەم ھېچقانداق قائىدە كونىراپ قالمايدۇ؛ يېڭى قائىدىنىڭمۇ دائىم ئەڭگۈشتەر بولۇشى ناتايىن. قائىدە، ژانىر، شەكىل، قۇرۇلما دېگەنلەر پەقەت كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئوخشاش بىر ۋاسىتە، ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يازغۇچىنىڭ روھى، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى، تىل خاسلىقى، بايان ئۇسلۇبى، ھېسسىياتى، ھەسرىتى… ۋاھاكازالار. مانا مۇشۇلارلا دائىم يېڭلىنىپ تۇرىدىغان يۇمشاق دېتالدەك دائىم كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
ھېكايە يومۇرلۇق، يەڭگىل كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گەپ تىڭشاۋاتقاندەك ئاڭلايمىز پىرسۇناژلار ئاۋازىنى، قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ياسىن دېھقان قىزىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىدۇ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكنى يەڭگىللىتىشنىلا ئويلايدىغان ھۆرنىسا بىر كەتكەنچە 5 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. گەپكە قېلىش خەۋپىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى؟ ئائىلىسىگە پۇل تېپىپ بېرىش، قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا قايتىپ كەلمىدى. بىر قارىسا دۆت، ئەخمەق قىز؛ بىر قارىسا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئاقكۆڭۈل قىز. ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتا بىر يىل ئىشلەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كاتتا مېھمانسارايدا كۈتكۈچى بولغانلىقى ۋە نەچچە يىل ئىپپىتىنى ساقلاپ يۈرۈشى ئادەتتە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بۇنداق نادىر ۋەقەلىك كىشىگە ئانچە چىن تۇيۇلمىسىمۇ ئەمما، بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيمىز. ھېكايە دېگەندە مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار راست بولغان ئىشلاردەك يېزىلىدۇ، بىمەنە ئىشلار مۇئەييەن مەقسەت ئۈچۈن توقۇپ يېزىلىدۇ. ھۆرنىسانى دۆت دەيلى، ۋاپادار دەيلى، ساق دەيلى ياكى بۇزۇق دەيلى، ھېكايىدە كىشىنىڭ نېرۋىسىنى قوداڭشىتىدىغان بىر پىرسۇناژ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان باھاسى، ھېسداشلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەنمۇ پەقەت بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز قارىشىمنى سۆزلەيمەن.
ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە بېرىشى بىلەن ھۆرنىسانىڭ ئېڭىدا ياتلىشىش ۋە يېڭىلىق باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئامالسىز كۆز ياشلىرى بەختسىزلىكتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك بولىدۇ. نەتىجىدە كۈتۈلمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ھۆرنىسا قايتىپ كەلمەيدۇ، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسى مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالىدۇ. قىزنىڭ ساددىلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، ۋاپادارلىقى ئۆز يوسۇنىدا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرىدىن ھالقىغان شەكىلدە ئىپادىلەنگەچكە ئاتا-ئانىسى ۋە مەھەللىدىكىلىرى ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى يەكلىنىش ۋە ھاقارەت ئىدى. ئۇ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئويلىغىنىدىنمۇ ئېغىر ھالدا زەربىگە ئۇچرايدۇ.
ھېكايىدە ياسىن دېھقان قىزى ھۆرنىسادىنمۇ ئۆتە كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇ ئەركەكلىك غۇرۇرىنى ۋە باشقىلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىنى دەپ قىزىدىن كېچىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ قىزىنى كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى. جامائەت پىكرى ۋە جامائەت بېسىمى ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى قوغداشتا زور رول ئوينىسىمۇ لېكىن بەزىدە پىتنە-پاسات پەيدا قىلىش ۋە شەخسكە زىيان يەتكۈزۈش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. بۇ ھېكايىدە دەل شۇنداق بولغان. ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى ھەقىقەت بولسا ۋە شۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالىغان بولسا بىر مەھەللىنى خاندەك سوراپ يۈرگەن مۇتتەھەم ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىغا چەك قويالىغان بولاتتى؛ ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى مۇتلەق ئىجابىي رول ئوينىغان بولسا جەمئىيەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، نەزىر-چىراغدىكى سەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، داغۋازلىق، دورامچىلىق، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىشلار ئازايغان بولاتتى. دېمەك، بىزدە جامائەت پىكرى ھازىر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىش، ئۆزىنى ئۆزىنى خارلاش ۋە قىسماققا ئېلىپ جازالاش بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتىدۇ. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا كۆپچىلىك ياخشىلىقتا ئەمەس، يامانلىقتا بىرلىشىدۇ؟
شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنى بەش يىل گۆھەردەك پاك ساقلاپ كەلگەن، چامادانلىرىغا لىق پۇل قاچىلاپ كەلگەن ۋاپادار قىز ھۆرنىسا ئاتا-ئانىسى، قەۋم-قېرىنداشلىرى، ئەھلى جامائەت تەرىپىدىن ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقاندەك خارلىنىدۇ. ئۇنى ھەتتا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ، ئاياللار خىزمىتى كادىرلىرىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. ئىپپەت-نومۇسنى، يۈز-ئابرۇيىنى يوقىتىشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھۆرنىسا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، بەختىنى ئىزدەپ باشقا ياققا كېتىدۇ. ئۆزىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىشەندۈرەلمىگەن قىز شۇ ئاچچىقىدا بۇزۇلۇپ كېتىشى، ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋابالى كىمگە؟ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمدە؟!
ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئالغاندا ياسىن دېھقاننىڭ ئېتىقادىدا مەسىلە بار. ئۇ ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن قورقىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىشنى باشتىلا خاتا قىلمىغان، خاتا قىلغان بولسا تۆۋە قىلىپ، سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولاتتى. ھۆرنىسانىڭ «بۇزۇلۇپ» كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئار-نومۇسقا چىدىماي (ئەمەلىيەتتە خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ) ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى. چىن ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ھەر قانداق ئېغىر ئازابقا قالغاندىمۇ سەۋر قىلىدۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق ھەممىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ نىيىتىدىن يانىدۇ. جامائەتنىڭ گەپ-سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقىدۇ. خەقلەر ئائىلىسىگە بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان پىتنە-پاسات ياغدۇرغاندا، ئۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ باقىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، بالىلىرىغا تەربىيە قىلىدۇكى، ئۇنى ھاڭغا ئىتتىرىۋەتمەيدۇ.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ئەپۇ-مەرھەمىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە « گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگە قاتمۇ قات زۇلۇم سېلىۋاتقان ئەي بەندىلىرىم، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» دەيدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەر كىمگە چىقىش يولى بار، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق. ياسىن دېھقان غەزەپ-نەپرىتىنى قىزىغا ئەمەس، ئارىنى بۇزىدىغان پىتنە-پاساتلارغا بەكرەك قاراتقان بولسا ئەقلىنى تاپقان بولاتتى؛ ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان جامائەت بېسىمىغا تاقابىل تۇرغان بولسا ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان بولاتتى. ئاچچىقى زەھەرگە، ئۆزى يىلانغا ئايلىنىپ قالغان ئادەم ھەرگىز كۆكسى قارنى كەڭ ئەركەك، شەپقەتلىك ئاتا بولالمايدۇ. ھۆرنىسانىڭ ئۇنىڭدىن شەپقەت كۈتۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.
دېمەك، شەيتىنى ئىمانىنى بېسىپ چۈشكەن، ئابرۇي-ئىناۋەتنى ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن تەمە قىلىدىغان، ئۆزىنى مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلماننىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ياسىن دېھقان ئەمەلىيەتتە بەختسىزلىك ئۈستىگە بەختسىزلىك كەلتۈرگەن، ئۆز قىزىنى «قاغا» قىلىپ كۆزدىن يوقاتقان تراگېدىيىلىك شەخس.
ئاپتور بەلكىم ھۆرنىسا ئارقىلىق، قىزلارنىڭ مەيلى نەدىلا بولسۇن ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئىپپەت-نومۇسنىڭ ئۆزى بىلەنلا قالماي ئائىلىسىنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى بولغاندۇ؛ دەرۋەقە، ئىپپەت-نومۇس، غۇرۇر مەسىلىسى قىزلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنى، ھاياتى، قەدىر-قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر ئاتا-ئانا بىلمەي قالمايدۇ ھەم قىزىغا بىلدۈرىدۇ؛ ئەمما بىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ؛ ئېتىقادى چىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئېتىقادى سۇس ئائىلىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پەرزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئېتىقاد، ئەخلاق ئارقىلىق قىزلارنىڭ ئىپپەت-غۇرۇر ئېڭىنى شەكىللەندۈرمىگەندە، ئادەتتىكى تەربىيە ياكى سۆزلەپ قويۇش بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغىلى بولمايدۇ. ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ، قالغاچلارمۇ بىر كۈنلەردە زاماننىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا كۆمۈلۈپ، ئۆز جۇلاسىنى، قىممىتىنى يوقىتىدۇ، شۇم قاغىغا ئايلىنىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ ھېكايىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھەر بىر ئەركەك، ئاتا ياكى ئاكا بولغۇچى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئاياللارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ئانا ھەققىدە جىق گەپ ساتتۇق، ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار جاپاكەش. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمدى شۇ پاك ئانىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچى ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. قىزلار ئاجىز، قىزلار شەيتانغا يېقىن… دەيمىز، ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارغا شەيتان ۋەسۋەسە قىلالمىغۇدەك پاكلىق ئېڭى، قوغدىنىش ئېڭى ئاتا قىلىش كېرەك، ئۇلار ھەر ۋاقىت چىرايلىق سۆز ۋە تەربىيىگە، ھۆرمەتلىنىشكە، غەمخورلۇققا مۇھتاج. ئۇلارنىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرۇشى ، پاك ھالدا جۇلالاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى پەرۋىش قىلماي بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلاردا ئازغۇنلۇق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋاقتىدا بايقاش، كۆڭلىدىكى چىگىش مەسىلە ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاش كېرەك؛ ئۇلار ھەققىدە سىرتتىن گەپ-سۆز ئاڭلىغاندا ئاق-قارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، راست-يالغاننى ئېنىق ئايرىش كېرەك؛ ئەگەر كىمكى بوھتانغا ئىشىنىپ ئۆز قېرىندىشنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنمىسە، ئۇ ھالدا ئۇنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا، ئۆمۈرلۈك دەرتكە سالىدۇ. خەقلەر ئۇنىڭ ھەققىدە غەيۋەت قىلىشتىن، بوھتان چاپلاشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىگە ئاللاھتىن ئىنساپ، تەۋپىق تىلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەككى، تۆھمەت قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھۆرنىسا يولۇققان پاجىئە ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەركەكنى ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك.
بۇ ماقالە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى.