كىشىلەر ھەمىشە «قانداق قىلغاندا ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. ئىزدەپ باقساق جەمئىيەتتە ھەرخىل تۈرلەر ناھايىتى كۆپ، دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيادا پۇل تاپقىلى بولمايدىغان تۈر يوق، پەقەت پۇل تاپالمايدىغان ئادەملا بار. پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆگىنىمەن دېمەڭ، ئۆگەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن پۇل تاپالايسىز؛ تۇرمۇش بەھرىلىنىش ئەمەس، بەلكى كۈرەش قىلىشتۇر.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كەسىپنى تېپىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۇل تاپالايسىز؟ تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ:
1. ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان ساھەگە كىرىڭ
كونىلاردا «كەسىپ ئاتلاش تاغ ئاتلاشتىن تەس» دېگەن گەپ بار. ھەربىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە پىرىنسىپلىرى بار. ئەگەر بۇ كەسىپنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قەدەم ئالسىڭىز، خۇددى قاراڭغۇلۇققا قەدەم باسقان كىشىدەك يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي ئاسانلا ئادىشىپ قالىسىز.
2. ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى دىتلاڭ
«يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن» دېگەن گەپ بار، قانچىلىك مەبلىغىڭىز بولسا، شۇنچىلىك ئىش قىلالايسىز. ھەممە كىشىنىڭ مىليونلۇق، مىلياردلىق تۈرلەرنى قىلغۇسى، باي بولۇپ نام چىقارغۇسى بار. لېكىن بىزنىڭ ئۇنچىلىك مەبلىغىمىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.
3. ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن ئوبدان پايدىلىنىڭ
ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى، سەپداشلىق مۇناسىۋىتى، خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى، يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرمۇ بىر خىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
كونىلاردا «دوستۇڭ كۆپ بولسا، يولۇڭ كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. دوستىڭىز كۆپ بولسا ئۇلاردىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز، ئىشنى باشلىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان نەپلەرگە ئېرىشەلەيسىز.