باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا بەش سوئال

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-27 13:30:42

‹‹جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا بەش سوئال›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 نوپۇزلۇق زاتلار ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا توختالدى 

 

بىرىنچى سوئال: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتامدۇ؟

   ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم ئالامىتى. لېكىن، بۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان سۈرئەت بولۇپ، «زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى ئېشىش سۈرئىتى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۆلچەر نىشانغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك مۇۋاپىق سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ.

   سوئال: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاستىلىدى. 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا: «1 – پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۆلچەرلىگەن نىشانغا ئۇيغۇن بولدى»، دېيىلدى. ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى ئېشىش سۈرئىتىگە زادى قانداق قاراش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەھۋالدا، مەركەز ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۆلچەر نىشانغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك مۇۋاپىق سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ.

   بىرىنچى پەسىلنى مىسالغا ئالساق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، بۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان سۈرئەت، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا «زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» ئەھۋال، دېيىشكە بولىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، بىرىنچى پەسىلدە GDP%7 ئېشىپ، مۆلچەردىكىگە ئاساسەن يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ھېسابلىنىدۇ. ھازىر تۈپ سان بىرقەدەر چوڭ بولغان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى خېلىلا تېز بولدى دېيىشكە بولىدۇ؛ شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 3 مىليون 240 مىڭ كۆپەيگەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ؛ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك ھالدا داۋاملىق ياخشىلاندى. بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى كەينى كەينىدىن يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ بەزى يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى بارلىققا كەلدى. ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى خەۋپ ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولدى.

   بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈپىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، يېڭى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشكەن بولۇپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سانائەتنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىشتىن مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىشقا يۈزلىنىشى روشەنلەشتى. ئېھتىياج قۇرۇلمىسى جەھەتتە، مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، ئىستېمال بىرقەدەر مۇقىم ئاشتى. كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەرلىكلەرنىڭكىدىن تېزلىشىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم جەھەتتىكى پەرقى كىچىكلەۋاتىدۇ. بىرىنچى پەسىلدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭGDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بەزى يېڭى ئاساسىي گەۋدىلەر، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر تېز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.

   قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بەزى مەسىلىلەر كەسكىن بولۇپ، ئۇلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۇلار ساقلانغىلى بولمايدىغان باسقۇچلۇق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسەن ياخشى، ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئامانەت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەت بوشلۇقى ئەڭ چوڭ، ئىقتىساد جانلىق بولۇپ، تۈزۈم جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇنى ياخشى باشقۇرىدىغانلا بولساق، چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ.

   سوئال: ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى ئېشىش ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنكاس ئومۇمەن ياخشى بولسىمۇ، يەنە بەزى ئەندىشە ۋە گۇمانلار مەۋجۇت. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تارىخ نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ، قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بەزى مەسىلىلەر كەسكىن تۇيۇلۇپ، ئۇلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۇلار ساقلانغىلى بولمايدىغان باسقۇچلۇق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى كىچىك بولمىسىمۇ، تېخى تېز چېكىنىش ئالامىتى كۆرۈلمىدى. ئىلگىرى ئىقتىسادتا ھازىرقىدىنمۇ چوڭ داۋالغۇشلار بولغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاساسەن ياخشى، ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئامانەت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەت بوشلۇقى ئەڭ چوڭ، ئىقتىساد جانلىق بولۇپ، تۈزۈم جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇنى ياخشى باشقۇرىدىغانلا بولساق، چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ.

   ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئاممىغا تولۇق چۈشەندۈرۈش كېرەك. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا بىز پارلاق ئىستىقبالنى كۆرۈشىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا توغرا قارىشىمىز، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

 

 

   ئىككىنچى سوئال: ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

   ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يېڭى نورمال ھالەتكە پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، ئېھتىياجنى تەھلىل قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپنى تىرىشىپ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىگە يۈزلەندۈرگەنلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بېسىم چوڭراق بولىدۇ.

   سوئال: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولۇشى بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال بەزىلەرنى خۇشال قىلسا، بەزىلەرنى غەمگە سالدى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى خەلقئارادا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئېلىمىزدە «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك ئەھۋال كۆرۈلدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ قۇرۇلمىنى جەزمەن تەڭشەش كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇقەررەر.

   رايونلاردىن قارىغاندا، شەرقىي قىسىم رايون قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى بالدۇرراق باشلىغان، دەسلەپتە كارخانىلار مۇقىم، يۈزلىنىشى ياخشى بولغان، بەزى كارخانىلار ھەتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، يېڭى نورمال ھالەتتە قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. لېكىن، قىسمەن رايونلاردا بەزى ئېنېرگىيە، بايلىق كۆپ ئۆلكىلەر، ئالدىنقى يىللاردا ئاساسلىقى سېلىنمىغا تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان رايونلاردا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى داۋاملىق زورايماقتا. بەزىلەر ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى، ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇنىڭغا يەنە بىر جەريان كېتىدۇ. كەسىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ساھەلەر بىلەن يۇقىرى سەرپىيات، يۇقىرى بۇلغىما، بايلىق تىپىدىكى ساھەلەرنىڭ توك ئىشلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېلىنما، ئۈنۈم قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرى تۆۋەنلەپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى كۈچەيمەكتە. كارخانىلاردىن قارىغاندا، تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن، مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقى كەمچىل، قۇرۇلمىنى ۋاقتىدا تەڭشىمىگەن بەزى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە ئومۇميۈزلۈك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن؛ بەزى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان ياكى يېرىم توختىغان؛ بازار پۇرسىتىنى تۇتۇشقا ماھىر، ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، ماركا قىممىتى بار، تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولدى.

   ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولۇشى ماھىيەتتە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلاشقانلىقىدۇر. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، يېڭى نورمال ھالەتكە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، ئېھتىياجنى تەھلىل قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرگەن، كەسىپنى تىرىشىپ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىگە يۈزلەندۈرگەنلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بېسىم زورراق بولىدۇ.

قۇرۇلمىنى تەڭشەش يېڭى نورمال ھالەتنىڭ تېخىمۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كۈتۈپ تۇرۇشقا ۋە چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. كۈتۈپ تۇرساڭ كەلمەيدۇ، چىداپ تۇرساڭ كەتمەيدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىم دولقۇنسىمان ئىلگىرىلەپ، بۇرمىسىمان يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. بىز قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، بىر ياكى ئىككى پوئېنت تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىمىز، مۇقىم ئاشۇرۇشتىن، نەتىجىنىڭ بىز ئويلىغان يەردىن چىقماسلىقدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلماسلىقىمىز كېرەك.

   سوئال: ھازىر ئىسكىلات زاپىسىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن كارخانىلارنى ئازايتىش، پىشاڭنى ئېلىۋېتىش مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ ھەم قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: قۇرۇلمىنى تەڭشەش يېڭى نورمال ھالەتنىڭ تېخىمۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئاسان ئەمەس. ئېھتىياج قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، كارخانىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى، سودا ئەندىزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە تەڭشىلىۋاتىدۇ، كەسىپلەرنى قايتا تەشكىللەش قەدىمى تېزلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ساھە، كەسىپ ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادتىكى خەتىرى كۈچەيدى. بىز قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش جەريانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگىرىدىغان جەريان ئەمەسلىكىنى، بۇ ئۆتكەلدىن جەزمەن ئۆتۈشىمىز كېرەكلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە كۈتۈپ تۇرۇشقا ۋە چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. كۈتۈپ تۇرساڭ كەلمەيدۇ، چىداپ تۇرساڭ كەتمەيدۇ. پەقەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. قۇرۇلمىنى بالدۇر تەڭشەپ بالدۇر ئۆزگەرتسەك، تەشەببۇسكار بولالايمىز؛ كېيىن تەڭشەپ كېيىن ئۆزگەرتسەك، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇقەررەر. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بىز ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، يىللاردىن بۇيان قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىراقلا ھەل قىلىپ كېتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىم دولقۇنسىمان ئىلگىرىلەپ، بۇرمىسىمان يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. بىز قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، بىر ياكى ئىككى پوئېنت تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىمىز، مۇقىم ئاشۇرۇشتىن، نەتىجىنىڭ بىز ئويلىغاندەك بولماسلىقىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلماسلىقىمىز كېرەك.

 

 

   ئۈچىنچى سوئال: ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى خېلى چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتامدۇ؟

   ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ خېلى چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر، بىز ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بىراق، ھودۇقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىم يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز ھەم «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»، يەنى يېقىنقى مەزگىل بىلەن ئۇزاق مەزگىلنى، تەرەققىيات بىلەن ئىسلاھاتنى، ئىچكى ۋەزىيەت بىلەن تاشقى ۋەزىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

   سوئال: كىشىلەر ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى چېكىنىش بېسىمىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە قىيىنچلىققا دۇچ كەلدى، بەزى مەسىلىلەر داۋاملاشماقتا. سىزنىڭچە، بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: ھازىر ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى خېلى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. بۇنىڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويۇشى، يېڭى ئېشىش بىلەن كونا ئېشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئالمىشىشى تېخى تاماملانماسلىقتەك ئامىللار مەۋجۇت بولغاندىن باشقا، يەنە تاشقى ئېھتىياج ئازىيىش، ئىچكى جەھەتتە «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك ھەر خىل زىددىيەتلەر بىرلىشىپ كەتكەن ئامىللار؛ ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ماكرولۇق ئامىللار ھەم بەزى سۇبيېكتىپ ئامىللارمۇ بار. ھازىرقى ھالەتتىن قارىغاندا، ئومۇمىي ئېھتىياج ئازىيىش بىلەن كەسىپ ئىقتىدارى زىيادە ئوشۇق بولۇشتەك ئەھۋالنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

   ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بىراق، ھودۇقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىم يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز ھەم «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»كە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېقىنقى مەزگىل بىلەن ئۇزاق مەزگىلنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بايلىق مۇھىتىنى قۇربان قىلىدىغان كونا ئۇسۇل ئەمدى ئەسقاتمايدۇ، كەسىپ ئىقتىدارى زىيادە ئوشۇق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش، كەلگۈسىدىكى تەڭشەش بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشمۇ ئاقمايدۇ. يېقىندا قوللانغان ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات سىياسىتى نىشانىغا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ۋە كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سىياسىتىمۇ قىسقا مەزگىللىك ئېشىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. كۆز ئالدىمىزدىكى ئېشىشنى جانلاندۇرۇشنى ئويلاپ، قۇرۇلما، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسىلا، ئۇنى ۋاقتىدا تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك.

   ئىككىنچىدىن، تەرەققىيات بىلەن ئىسلاھاتنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات سىياسىتى ئىسلاھات نىشان – تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرى تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇش كېرەك. بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى بالدۇرراق يولغا قويۇش كېرەك. ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىدىن قارىغاندا، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ياخشى بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى ياكى بەزى سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

   ئۈچىنچىدىن، ئىچكى ۋەزىيەت بىلەن تاشقى ۋەزىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تۈرتكىسىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بارغانسېرى بىر – بىرىگە بېقىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتتە، ھەم مەملىكەت ئىچى ئامىلىنى نەزەرگە ئېلىش ھەم مەملىكەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ ئومۇملۇقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.

مەبلەغ سېلىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق بولۇشى، نېمىگە مەبلەغ سېلىش، پۇلنى قەيەردىن تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىستېمال قىلىشتا ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قاراتمىلىق ھالدا قېزىپ چىقىپ، ئىستېمالچىلار پۇل خەجلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ۋە پۇل خەجلەشنى خالايدىغان شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

   سوئال: ئىچكى ئېھتىياج سۇسلاشقان ئەھۋالدا، مەبلەغ سېلىش بىلەن ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئىككى ئامىلنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ مەبلەغ سېلىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، نېمىگە مەبلەغ سېلىش، پۇلنى قەيەردىن تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، يۆنىلىشنى توغرا بېكىتىش. تۈرنى جەزمەن توغرا تاللاش؛ بازار ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى كۆزلەش؛ پۇلنى نەق جايىغا ئىشلىتىش، تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جايغا ئىشلىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەبلەغ مەنبەسى. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھازىر مۇشۇنداق باسقۇچقا كەلگەندە، ئامانەت پۇلنى ئۈنۈملۈك مەبلەغ قىلىش – قىلماسلىق ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم. ھازىر ئاھالىلەرنىڭ ئامانەت پۇل نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن مەبلەغ بىكار تۇرۇۋاتىدۇ، كىشىلەر ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەم مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مەبلەغ كاپالىتى كەمچىل. شۇڭا مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش؛ مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەلئارا مەبلەغنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامانەت پۇلنى سېلىنمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. مائاشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كىرىمنى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا قويۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ئىستېمال قىلىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاھالە يېزىلاردىن شەھەر – بازارلارغا كۆچىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نەچچە مىليونلىغان نامرات نوپۇسنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاسان قاندۇرغىلى بولمايدۇ. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتكەندە، ئۇلارنى يېڭى ئىستېمالنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كۆپرەك كىرىم قىلىدىغانلارغا قارىتا، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا پۇل خەجلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ۋە پۇل خەجلەشنى خالايدىغان شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشقا پۇلى بار، بىر ئالتۇن ھەپتىدە چەت ئەللەردىكى سودىگەرلەرنىڭ سودا رېكورتىنى يېڭىلىيالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزدە كىشىنى جەلپ قىلالايدىغان ئۈنۈملۈك تەمىنلەش بولۇشى ھەم كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. ھازىر خاسلىققا، كۆپ خىللىققا ئىگە ئىستېمال قىلىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتى ياخشى ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج ئېشىۋاتىدۇ، مۇبادا بۇنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرغاندا، ئېشىشنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىممەتلىك ئىستېمال بايلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

   ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئازىيىش ۋەزىيىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا، قىسقىسى يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تايىنىش كېرەك. «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەممە تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش» دەيدىغان ئىرادىگە كېلىشىمىز، ھەرگىزمۇ «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك.

   سوئال: ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىشتە ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشتىن باشقا، يەنە قانداق ياخشى تەدبىر بار؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: مەملىكەت ياكى دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئازىيىش ۋەزىيىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بۇنى ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ سەل قارىساق بولمايدۇ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا تايانغاندىمۇ بۇ قيىنچىلىقلارنى پۈتۈنلەي يەڭگىلى بولمايدۇ. قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا، قىسقىسى يېڭىلىق يارىتىشقا، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تايىنىش كېرەك. مەركەز ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا بىر نەچچە تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى، ئەمدى بۇنىڭ ئاچقۇچى ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەممە تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش»دەيدىغان ئىرادىگە كېلىشىمىز كېرەك. بەزىلىرىگە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇئەييەن مەزگىلدە ئومۇميۈزلۈك نەتىجىگە ئېرىشتۇق دېيىشكە بولمايدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدىمۇ نەتىجىگىمۇ ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش، دەپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. «كەسىپ خاراپ بولمايدۇ، تېخنىكا قالاقلىشىدۇ». يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورى، ھازىر ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى، شۇڭا تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشىمىز، پۈتۈن جەمئىيەتنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

 

 

   تۆتىنچى سوئال: ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

   مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش دېمەكتۇر. ھازىر ئىقتىسادنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بىراق ئېگىز پىشاڭ ۋە كۆپۈكلىشىشنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر يەنىلا يۈكسەك ھوشيارلىقىمىزنى قوزغايدۇ. بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىستېما ۋە رايون خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەرنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

   سوئال: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر تەدرىجىي روشەنلىشىپ، ئېگىز پىشاڭلىق ھالەت شەكىللەندى. بۇنداق خەۋپ – خەتەرگە قانداق قاراش كېرەك؟ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زاتنىڭ جاۋابى: خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش دېمەكتۇر. خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمىسە، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

   ھازىر ئىقتىسادنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى ئومۇمەن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بىراق ئېگىز پىشاڭ ۋە كۆپۈكلىشىشنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر يەنىلا يۈكسەك ھوشيارلىقىمىزنى قوزغىدى، قەرزنى قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. ئېلىمىزنىڭ كەڭ مەنىدىكى كىرېدىتى بىلەن GDP سىنىڭ نىسبىتى %176 بولۇپ، 2008 – يىلىدىكىدىن 63 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان قەرزنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغىنى غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى كارخانىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەرز قالدۇق سوممىسىGDP نىڭ %125ىنى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئېگىز پىشاڭلىق كارخانىلار ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن كەسىپلەر، ئۆي – زېمىن كارخانىلىرى، قىسمەن دۆلەت كارخانىلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا يۈكسەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت يۈزلىنىشى بۆلۈنگەن ئەھۋالدا، قىسمەن رايونلاردا ئۇدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

   بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشتە، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەشنىڭ تەڭپۇلۇقىنى پۇختا ئىگىلەش، بولۇپمۇ تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېما ۋە رايون خاراكتېرلىك تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش كېرەك. مەركەز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى سىجىل، مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئىشلەپ، ۋەيران بولۇشقا تېگىشلىك قىسمەن كارخانىلارنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، قارىغۇلارچە ئىلگىرىلىمەسلىك ياكى توختاپ قالماسلىق، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئاكتىپ، ئىشەنچلىك ۋە پۇختا ئىلگىرىلەش كېرەك. ئۆي – زېمىن بازىرى زاپاس ئۆيلەرنى قولدىن چىقىرىش باسقۇچىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئۆي – زېمىن بازىرى زاپىسىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش بىر رېئال مەسىلە بولۇپ، ئۇ ئېھتىياجنى قوزغىتىش ۋە خەۋپ – خەتەرنى تۈگىتىشكە مۇناسىۋەتلىك. بازارنى تەڭشەشنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كىچىك جەھەتتىن قارىغاندا، قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك قىسمەن خەۋپ – خەتەرنى ۋاقتىدا قويۇپ بېرىپ، قاتتىق تىركىشىش ۋەزىيىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۇزاق داۋاملىشىدىغان خەۋپ – خەتەر ۋە ئومۇمىي خەۋپ – خەتەرنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

 

   بەشىنچى سوئال: ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى نېمە؟

   ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلەش ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئاچقۇچى، بۇنىڭدا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ياكى بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ. پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىم ئاشۇرغاندىن سىرت، يەنە بوشاشماي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەم بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش ۋە قوشۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كونا ئۇسۇللارنى قوللانغاندا يېڭى ئىختىلاپ پەيدا بولۇشى، يۈك كۆتۈرگەنسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

   سوئال: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا، «كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش» سادالىرى پەيدا بولدى، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتە كۈچەش نۇقتىسى قانداق بولۇش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زات: ئېلىمىز تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە قەدەم قويدى، رېئال ئىقتىسادىي ھادىسە، ئىقتىسادىي ئىختىلاپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىك بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزدىمۇ مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتە تەپەككۈر ئۇسۇلىنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنىلا مۇقىم ئېشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش ئاساسىي پىرىنسىپىدا، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مىكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت ئاساسىنى پۇختىلاش ئومۇمىي تەپەككۈرىدە چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.

   ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلەش ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ھەم بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ يىل ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىياسىتىدە ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ: بىرىنچى، قانچىلىك كۈچەش، ئىككىنچى، قانداق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش. ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سالمىقىنى بەلگىلىك ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش ئۈنۈمىگە يېتىش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لېكىن كەڭ كۆلەمدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش ياكى قوشۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كونا ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، يېڭى ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، يۈك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمى تېخىمۇ ئاستىلىشى مۇمكىن. بىزگەGDP كېرەك، كېرەك بولغاندىمۇ سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈكGDP كېرەك، بۇ «تەرەققىيات چىڭ قائىدە» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

   شۇ سەۋەبتىن سالماقنى ئاشۇرۇپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەم بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەن چەكتىن ھالقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ئىسمى – جىسمىغا لايىق بولۇشى، جامائەت چىقىمىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، باجنى كېمەيتىش، خىراجەتنى ئېنىقلاش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىر كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى، مالىيە سىياسىتى كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشى، ئىقتىساد چېكىنىش، كارخانىلارنىڭ پايدىسى كېمىيىش، لېكىن باج ئېشىشتەك «تەتۈر تاناسىپ»ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پۇل سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا سالماقنى توغرا ئىگىلەپ، پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىي ئىقتىساد ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈپ، پۇلنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا خەجلەش كېرەك. ھازىر باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى نىسبەتەن تۆۋەن، دائىملىق مالىيە، پۇل سىياسىتىنىڭ بوشلۇقى كېڭەيدى، لېكىن بۇنىڭدا مەيلىگە قويىۋېتىپ ئاستا ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ، جەزمەن سالمىقى بولۇش، توغرا بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يەنى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇش، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي قەرز نىسبىتى ۋە پىشاڭلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ساقلىنىش، مۇقىم ئېشىش بىلەن پىشاڭنى چۈشۈرۈش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك.

   ھازىر ئىجتىمائىي پىسخىكا كۆزلىمىسى سەزگۈر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، سىياسەت سىگنالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

   سوئال: مۇقىم ئىقتىساد مۇقىم كۆزلىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە يەنە نىمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

   نوپۇزلۇق زات: مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە ئىجتىمائىي پىسخىكا كۆزلىمىسى سەزگۈر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدا كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بازار كۆزلىمىسى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمتۈرتكە بولۇپ ياخشى ئايلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. كۆزلىمە مۇقىم بولسا، ئىشەنچ ئاشىدۇ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا، بازارنىڭ سۇبيېكىتلىق ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. ئېنىق سىياسەت سىگنالى كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، كارخانىچىلارنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل ئىگىلىكنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم، مەركەزنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش فاڭجېنى ئۆزگەرمىدى، ئېچىۋېتىش ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆزگەرمىدى.

«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2