دۇنيادا پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق، ئىقتىدارلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك.
ھازىر كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە يالغۇز پەرزەنت ياكى ئىككىلا پەرزەنت بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بىر قىسىم بالىلار مۇستەقىللىقنى يوقىتىپ، ئاتا-ئانىغا «تايىنۋېلىش كېسىلى» گە گىرىپتار بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ سادىر بولماقتا. يېقىندا بۇ ھەقتە قىزىقارلىق بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم.
-مەلۇم ئورۇندا رەھبەر بولغان بىرەيلەننىڭ ئوغلى بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم،-دەپ گەپ باشلىدى بىرەيلەن،-ئۇنى ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا بىر ماگىزىن ئېچىپ بېرىپ، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىسىنىمۇ بېقىپ بەردى، بىراق ئۇلار بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلى ئاجرىشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇرمۇشتا تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، يا بىر ئىشنىڭ بىشىنى تۇتماي، تۇتسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، يەنىلا ئاتا-ئانىسىنڭ سايىسىدە ياشىدى. چۈنكى ئاتا-ئانىسى ئۇنى «توققۇزى تەل بەگزادە» قىلىپ قويدىدە!
-ناھىيەمىزنىڭ مەلۇم ئىدارىسىگە ئاپتونوم رايوندىكى مەلۇم نازىرنىڭ ئوغلىنى يېرىم يىللىق چىنىقىشقا چۈشۈرۈپتىكەن، ئىدارە باشلىقىنىڭ كۈنى تەس بوپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىدارىگە بولغان تەلىپى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپتۇ، يەنە كۈندە دېگۈدەك ھاراق ئېچىپ جېدەل چىقىرىپ، ئىدارە باشلىقىغا ئارام بەرمەپتۇ، ئۇ نازىرنىڭ ئوغلى بولغاچقا، ئىدارىسىدىمۇ باشقۇرۇش شۇنداق تەس بوپتىكەن، بۇ بالىمۇ ئاشۇنداق ئەركە چوڭ قىلغانىكەن،-دېدى يەنە بىرەيلەن.
-قىزىم يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن سومكا رەتلەش، قەلەم ئۇچلاش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاكىسى قىلىپ بېرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ قىزىم باشقىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان بولۇۋالدى. بىر كۈنى قاچا يۇيۋېتىپ، قىزىمدىن:«سىزمۇ يۇيۇپ باقامسىز؟» دەپ سورىسام، بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قاچا يۇيۇشنى ئۆگەتتىم. قورما قۇرغاندا ئۇنى ياردەملەشتۈرۈپ، ماختاپ قويدۇم. قىزىمنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئاشتى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ مەسئولىيەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى،-دەپ تەجرىبە تۇنۇشتۇردى يەنە بىر ئايال كەسىپداش.
دېمەك، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىغا «تايىنىۋېلىش كېسىلى» ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا نازۇك، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، مۇستەقىل قارشى ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق بىچارىلەردىن بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يۇقىرىقىدەك «بەگزادە» لەر كۆپىيىپ، ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەرقانچە ياخشى بولغان ئەھۋالدىمۇ «توققۇزى تەل» قىلىپ قويغاننىڭ ئورنىغاكىچىكىدىن جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ئىشچان، ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر.