ئوبزور: رۇسىيە ۋە جۇڭگونىڭ يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنىڭ قارا چۈشىىمۇ؟
شىنخۇا تورى ئوبزورى:
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۇنىڭ يەر شارىدىكى يادرولۇق ئورنىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشى. شۇڭلاشقا ئامېرىكا دۇنيا كۈچلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشى ھەمدە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ.
يېقىندا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرنال «دۆلەت مەنپەئەتى» تور بېكىتى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە ۋە جۇڭگونىڭ يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنىڭ قارا چۈشى. ماقالىدە تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىغان: جۇڭگو-روسىيە «ئىككى دۆلەت ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن يەر شارى تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشقا پۇرسەت بار.» بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئامېرىكا زىيالىيلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىكىر يولىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
ئامېرىكا ئۆزىنى يەر شارى تەرتىپ تۇرغۇزۇپ چىقىشتا سالاھىيىتى بار دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تۇرغۇزۇپ چىققان تەرتىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى تۆھپىسىنى ئادىل نامايەندە قىلالىغان بولسا، ھەمدە ھازىرقى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم رولىنى ئادىل ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، بۇنداق تەرتىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمما جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئامېرىكا ئورۇن ئىستراتېگىيەسى مەقسىتىدىن چىقىش قىلىپ، دۈشمەن دۆلەت ياپونىيەنى قانات ئاستىغا ئالدى. ھەمدە ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ھەمراھى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چەكلىدى.ئامېرىكا مۇشۇنداق خەلقئارا تەرتىپ تۇرغۇزۇپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق پايدا-مەنپەئەتىگە زىيان سالسا، جۇڭگو قانداقمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان، ئۆز-ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ ئىلگىرىلەش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغان تەرتىپنى قوبۇل قىلالايدۇ؟
ئامېرىكا ئەزەلدىن پەقەتلا ئۆزىنىڭ دۇنيا رەھبەرلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى. بۇنىڭ زومىگەرلىك لوگىكىسى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.ئامېرىكا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكى دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇ يىلى ئامېرىكا قۇرال ئىشلىتىپ ۋىيېتنامنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە خەلقنى ئالدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا غەلىبە قازىنالمايدىغان جەڭ مەيدانىغا ئەسكىرىي كۈچىنى قويغانلىقتىن، ۋىيېتنام ۋە ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، شۇ جايدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. بۇ قالايمىقانچىلىقنى يىغىشتۇرۇش ھازىرغىچە تەس بولىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكا تۇرغۇزغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئادىل بولمىغان تەرتىپ ئىكەنلىكىدە.ئامېرىكا ئۆزىلا ئىگىلەشنى خالايدۇ. تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا ئادىللىقنى پەش قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەك شەخسىيەتچى.ئەگەر ئامېرىكا بۇ نۇقتىلارنى مەلۇم بىر باسقۇچقا ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇ باشقا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە خەلقئارا تەرتىپنى ياخشىلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا كىرىشىدۇ.
ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىش جېڭى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن نورمال ھالەت. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆتمۈشتە ھەم ھازىر خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قوللانغان ماھىيىتى. شۇنداقلا ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىشتىن ئەندىشە قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇڭا ئامېرىكا جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ ئامېرىكا ئىلگىرى قوللانغان شەخسىيەتچى تەدبىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە خەلقئارا تەرتىپنى ياخشىلاشنى خالايدۇ. ئەمما ئاۋۋال بۇزۇۋىتىپ، كېيىن قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ھازىرقى بار بولغان خەلقئارا تەرتىپتە ناھايىتى كۆپ ئاكتىپ ئامىللار ساقلانغان بولۇپ، جۇڭگو-روسىيە بۇ ئاكتىپ ئامىللاردىن ۋاز كەچمەيلا قالماستىن، ئۇنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرىدۇ.مەسىلەن، ب د ت ھەمدە «نىزامنامە» دە ئىپادىلەنگەن تىنچلىق ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك پىرىنسىپىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئورتاق تۈزۈپ چىققان بولۇپ، خەلقئارا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ مۇشۇنداق شەكىللەنگەن خەلقئارا تەرتىپ قوغدىماسلىققا ھېچقانداق باھانە-سەۋەبى يوق.
جۇڭگو-رۇسىيە ھەقىقەتەن ھازىر بار بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ھازىر بار بولغان خەلقئارا تەرتىپتە ئامېرىكا زومگەرلىكنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بەزى ئىش-ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.بۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر ئېغىز سۆز بىلەن مۇھىم رول ئويناش، قوراللىق ھالدا باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە زىيان سالىدىغان قىلمىشىنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك.
ھازىر بار بولغان خەلقئارا تەرتىپىكە قارىتا جۇڭگو تەدرىجىي ئىلگىرىلىتىش ۋە ياخشىلاش ئىجابىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىنى بېكىتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز ئامېرىكا بىلەن يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، يېڭى تىپتىكى مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك، توقۇنۇشماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ۋاشىنگتون ئىجاد قىلغان ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلغان، ئامېرىكا زومىگەرلىك قىلغان تەرتىپ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ پايدىلىنىشنى خالىمايدۇ. زومىگەرلىك پىسخىكىلىق ھالەت بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ئوبيېكت جەھەتتە، جۇڭگو ئومۇملاشتۇرماقچى بولغان يېڭى تەرتىپ ئامېرىكىچە تەرتىپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىچە تەرتىپنىڭ لوگىكا تۇزىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىدىن ساقلىنالايدۇ.
ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى يېتەكلىگەن ئادىل بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك. جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىل ھەم ئۆز-ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان يېڭى تىپتىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى لازىم.