باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مەيلى كىرىمىڭىز قانچە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بەشكە بۆلۈپ ئىشلىتىڭ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-17 06:05:28

‹‹مەيلى كىرىمىڭىز قانچە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بەشكە بۆلۈپ ئىشلىتىڭ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

 

كىشىلىك تۇرمۇش ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، يېڭىلىققا تولغان نەرسىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى مېڭىسىدە ئۆلتۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى رەتلەپ ماڭسىڭىزلا ھەممە ئىشنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مەيلى سىزنىڭ مائاشىڭىز قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ چىقىمىڭىز قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، تۆۋەندىكىلەرنى خاتىرلەپ ماڭسىڭىزلا سىز ناھايىتى بەخىتلىك ھەم خۇشال-خۇرام بىر كىشى ھېسابلىنىسىز. 

 

 

بىرىنچى: تۇرمۇش خىراجىتى

 

بىز خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئاچ قالماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ھەرگىز بەزى كىچىك ئىشلا ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش راسخوتىنى كولاپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك. ياخشى يەپ، ياخشى ئىچىپ، تېنىڭىز سالامەت بولسا، روھىي ھالىتىڭىز ياخشى بولسا نېمىلا ئىش قىلسىڭىز ئاقىدۇ. 

 

 

ئىككىنچى: دوست تۇتۇشقا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىڭ. 

 

تېلفۇن پۇلىنى بىر ئايدا 100 يۈەن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ھەر ئايدا ئىككى كىشىنى مېھمان قىلىڭ. يەنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ. بۇ ئىككى كىشى چوقۇم سىزدىن ئۆتكۈر بولغان تەپەككۇرغا ئىگە بولۇشى، سىزدىن باي بولۇشى ھەمدە سىز رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغان بولۇشى كېرەك. ھەر ئايدا مېھمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، مۇشۇ تەرىقىدە بىر يىل چىدىسىڭىز سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزدىكى ئورنىڭىز، قىممىتىڭىز، نامىڭىز، تەسىر كۈچىڭىز يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. 

 

 

ئۈچۈنچى: ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىش، سىز ھەر ئايدا 50~100 يۈەنگىچە بولغان پۇل ئاجرىتىپ كىتاب سېتىۋېلىڭ.

 

كىتاب سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان پۇل كۆپ ئەمەس، سېتىۋالغان كىتابىڭىزنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇڭ. ھەر بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىڭىزنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا بىر قېتىم سۆزلەپ بېرىڭ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىڭىزنى ئۆستۈرىدۇ ھەمدە يېقىنلىشىشقا پايدىسى بار. قالغان 300 يۈەننى ساقلاپ قويۇپ ھەر يىلى بىر قېتىم تەربىيلىنىشكە قاتنىشىڭ، ھەرگىز ئۈزۈلدۈرۈپ قويماڭ. سىزنىڭ كىرىمىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كۇرسلارغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ. ياخشى بولغان كۇرسلارغا قاتناشقاندا ھەقسىز ھالدا ئوخشاش تىپتىكى كىشىلەر بىلەن دوست بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىسىز، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەتتە ئۆگەنگىلى بولمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلغىلى ھەمدە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. 

 

 

تۆتىنچى: ساياھەت قىلىڭ، بىر يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز بولسىمۇ ئۆزىڭىزگە بىر قېتىملىق ساياھەت قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ. 

 

ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىشقا موھتاج. ئەركىن بولغان ساياھەتلەرگە قاتناشقاندا يەر شارىنىڭ ئەسلىدە ئۇنچە چوڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز. ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ تۇرسىڭىز بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى توپلايسىز، خىزمەتتە قىزغىنلىق بولىدۇ. ھاياتلىققا بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا بولىدۇ. 

 

 

بەشىنچى: مەبلەغ سېلىش

 

پۇلىڭىزنى ئاۋۋال يىغىپ قويۇپ كېيىن پايچىك بازىرىغا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ بولىدۇ، سودىغا مەبلەغ سېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كىچىك سودىلارغا مەبلەغ سېلىڭ، بۇنداق بولغاندا خەتىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. پايدا بولغاندا ھەم پۇل تاپىسىز ھەم ئىشەنچ، جۈرئەت تاپىسىز. 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2