تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا
گەپ ئەمدى باشلاندى، «قوش تىل» شىنجاڭدا زادى قانچىلىك مۇھىم؟ كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى زادى قانچىلىك؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سالونىنىڭ پىراكتىكانت مۇخبىرى چى چېڭنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ 2015-يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ قوش تىلدا تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇشى باشلاندى، 113 نەپەر كادىر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە 15 كۈنلۈك كۈچەيتىپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، 3-ئايدا كەنتكە بېرىپ خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سىرت، يەنە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيەلىك قوش تىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن تۆت نەپەر تايانچ ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈشكە ئاجرىتىلدى، دەرسلەردىن ۋەقەلىك ئەمەلىيەت دەرسى، يېزا تۇرمۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشۇشتىن سىرت، يەنە قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنىپ، ئەمەلىيەتچانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. (چېن چېن)
توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرىسخانىسىدا 18 نەپەر خەنزۇ كادىر ئۇيغۇر مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتاتتى. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تەربىيەلەش باشلانغاندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدىكى سەككىز يېزا، بازاردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق كەنتكە چۈشىدىغان كادىر بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتناشتى، تەربىيەلەشتە خىزمەتتىن ئايرىلماي قاتنىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش تىلىدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر قوللانمىسى» دىكى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆز ۋە جۈملىلەر ئاساسلىق ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىندى. (لى ۋېنۋۇ)
ئاپلا!يەنە تېخى كۆپكەن، ساناپ بولغىلى بولمىغىدەك، ئويلاپ باقايلى، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن كىم بىلەن سۆزلىشىپ مەشىق قىلىمىز؟ بىراق «قوش تىل» ئۆگىنىش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئەتراپىمىزدا، كوچىلاردا ھەر قاچان باشقىلار بىلەن سۆزلىشىپ، مەشىق قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بويتاق بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، سىز بىلەن «قوش تىل» دا سۆزلىشىپ بېرىدىغان چىرايلىق بىر قىز ئۇچراپ قالامدۇ تېخى.
جاڭ شاڭجىيەن ئىككى يىغىندا شىنجاڭدا تىل تەربىيەلەشنى مەخسۇس پىلانغا كىرگۈزۈش ۋە تىل تەربىيەلەش مەخسۇس خىراجىتى ئىلتىماس قىلىش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئورتاق تىل بىلەن تەربىيەلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپى ئىقتىدارى قىلىپ تۇتۇپ، ئورتاق تىل بىلەن تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغانلارغا كەسپى ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى تارقىتىش ھەمدە تىل تەربىيەلەش خىراجىتى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئورتاق تىل ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا يانفوندا قوش تىل ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىپ، بۇنداق يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئاز ئىش بىلەن كۆپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
بۇنداق ياخشى ئىشنى تازا ئالقىشلاش كېرەك،
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ،تىل ئۆگىنەيلى!!