باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-01 19:01:42

‹‹ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىدۇ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


 تۇرمۇشتا ئالىيجاناب ئادەم بولماق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىشلارنى چىۈشىنىشكە، ئادەتتىكىلەر قادىر بولالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا دادىل بولۇشقا، بەلگىلىك ئەخلاق، مەدەنىيەت ساپاغا ئىگە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
   ئالىيجانابلىق يۇقىرى تەبىقە، مەنسەپ – مەرتىۋە، ئالىم – ئۆلىمالىق، پۇلدارلىقنى شەرت قىلمايدۇ. چۈنكى ئالىيجاناب كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن قاتلىمىدا ئوخشاشلا بولىدۇ. بەرھەقكى، ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىپ تۇرمۇشقا قايتىدۇ. مەسىلەن، تۇرمۇشتا بىرسى مەلۇم ئىش – ھەرىكىتىڭىزنى ياقتۇرماي، سىزنى ناھايىتى قەبىھ تىللار بىلەن يۈزتۇرا تىللىسا ياكى بۇنىڭغىمۇ بولدى قىلماي سىزگە مۇشت كۆتۈرسە، بۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ناھەقچىلىكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرامسىز؟ ياكى بۇنىڭغا سوغۇققان قاراپ، مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلامسىز؟ ئېنىقكى، ئۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي سوقۇشسىڭىز، پۈچەك ئادەم بولۇپ قالىسىز، بۇ ئىشقا سالماق مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلىنى توغرا ھەل قېلىشنىڭ توغرا يولىنى تاپسىڭىز ئالىيجاناب ئادەم بولالايسىز.

 



  قەدىمكى گىرېتسىيەنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى پولىكلىر گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنانى قوغداشقا مەسئۇل گېنېرال بولغان ئىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئىسلاھات قىلغان، ئۇنىڭ بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە نۇرغۇن كىشى قارشى چىققانىكەن. شۇڭا دائىم دېگۈدەك بىر قىسىملار ئۇنى يۈزىدىلا تىللايدىكەن، بەزىلەر ھەتتا ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇنىڭغا مۇشت كۆتۈرىدىكەن. ئۇ بۇ ئىشلارغا ئالدىراپ چېچىلماي، سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئويلايدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئافىنا شەھىرىنىڭ بىر پۇقراسى پولىكلىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپ كېرىپ، ئۇنى بەكلا سەت تىللاپتۇ. پولىكلىر بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ كىشى پولىكلىرنى راسا تىللاپ قورسىقىنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پولىكلىر سىرتقا قارسا، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ سۇغۇق ئىكەن. پولىكلىر خىزمەتكارىغا ئۈنلۈك قىلىپ «ھاۋا بەك سوغۇقكەن، كەچ كىرىپ كەتتى، بۇ كىشىنى قېلىنراق كىيىندۈرۈپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار» دەپ جېكىلەپتۇ.
   ئەسلىدە بۇ كىشى گېنېرال پولىكلىرنىڭ قېشىغا تىرىك كىرىپ، تىرىك قايتىشىنى ئويلىمىغان ئىكەن. ئۇ پولىكلىرنىڭ ئۆزىنى جازالىماي، ئەيىبلىمەي، ھەتتا قېرىندىشىدەك كۆيۈنگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئېلىپتۇ.
   بۇ ۋەقەلىكتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گېنېرال پولىكلىر ئۆزىنىڭ گېنېراللىق سالاھىيىتىنى شەھەر پۇقراسى بىلەن تەڭلەشتۈرمىگەن. ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرگەن ياكى ئۇرۇپ، تىللاپ قوغلىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقى تۈگەپ، گېنېراللىق سالاھىيىتىگىمۇ تەسىر يەتكەن بۇلاتتى.

  


تۇرمۇشتا ئالىيجانابلىق بەزىدە ئۇششاق–چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ بولۇمسىز تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ياكى ئۇقۇشماسلىقتىن بەزى خاتا ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى مەسخىرە قىلساق، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ قويىمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە ئالىيجانابلىق پەزىلىتىگە ئىگىلەر قارشى تەرەپنى مەسخىرە قىلىش تۈگۈل، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەسىلىنى سىلىق ھەل قىلالايدۇ. تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆيىمىزگە باشقا يۇرتلاردىكى يىراق سەھرالاردىن مېھمانلار كېلىشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمال. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆز پەتىۋايىمىز بويىچە ئىش كۆرۈپ، مېھمانلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز، ئۇلارغا دوستانە كەيپىيات ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز مېھمانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكتىن قىلغان بەزى سەۋەنلىكلىرىنى شۇ چاغدىلا يۈزىگە سالساق ياكى مەسخىرە قىلساق، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆزگە ئىلمىغان، ئادەمگەرچىلىكى يوق، پۈچەكلەر قاتارىدا بولۇپ قالىمىز.

  



ئالىيجاناب كىشىلەر ئۆزىگە تەۋە ھەر قانداق ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ، بۇ پەزىلىتىنى ھەر قانداق جايدا ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا نام – ئابرۇي، شەخسىي مەنپەئىتىنى ئاساس قىلمايدۇ. ھەرگىز ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ، بەلكى دوستانە كەيپىياتتا بولىدۇ. ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كەلگەچكە، بىز ھەر قانداق ئىش قىلغاندا باشقىلارنى چۈشىنىشنى، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلسەك، باشقىلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قوغدىيالىساق، ئاندىن ئىسمى –جىسمىغا لايىق ئالىيجاناب ئادەم بولالايمىز.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2