باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئىمتىھان نەتىجىسى ھەقىقىي ئىقتىدارنى بىلدۈرمەيدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-30 19:57:02

‹‹ئىمتىھان نەتىجىسى ھەقىقىي ئىقتىدارنى بىلدۈرمەيدۇ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەندە، نەتىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپ ئۆزىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ، ئۆزىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، دەپ قارايدۇ، ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمتىھان نەتىجىلىرى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزسىلا ئىككى -ئۈچ خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇزىكا چېلىش، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتا كامالەتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كىچىك ھەمراھلىرىغا كۈلكە ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ شېئىر يازالايدىغانلىقىنى، ھەتتا پۇتبولنى ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ ئۇنىڭ قانچىلىك ئەق كۆڭۈل، ساداقەتمەن، ئىشەنچلىك بالا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى سىزگە ھەر بىر كۈندە ئۆزىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى پەقەت نەتىجە، بىز نەتىجىمىزدىن پەخىرلەنسەكلا بولىدۇ، بىراق مەڭگۈ ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئادەملەردە نۇرغۇن ئولۇغۋار تەرەپ بولىدۇ، ئىمتىھان پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرلا تۈر، خالاس.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2