1. ئۇزاققىچە بىرنەرسە يېمەسلىك: تاماق يېمەيدىغان ۋاقىت تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ئۇزاققىچە بىر نەرسە يېمىگەندە، بەدەن تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئېچىرقاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ تاماق يېيىلىپ، ئادەمنى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.
2. كاربون سۇ بىرىكمىسى ئىستېمال قىلماسلىق: كۆپلىگەن كىشىلەر كاربون سۇ بىرىكمىسى ئىستېمال قىلماسلىق بىر خىل ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە كاربون سۇ بىرىكمىسى ئىستېمال قىلىنمىسا، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېزلا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئىستېمال قىلىنمايدىغىنى ماي بولماستىن، سۇ بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
3. يېمەكلىكنى خام پېتى يېيىش: بۇنداق قىلىشنىڭ ئورۇقلاشقا ياردىمى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئادەمنى ئاسانلا زەھەرلەپ قويىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكنى خام پېتى ئاز، پىششىقىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
4. قەھۋەنى كۆپ ئىچىش: نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى قەھۋەنى قولىدىن ئايرىمايدۇ. شۇ ئارقىلىق نەپسىنى باسىدۇ. بۇنداق قىلغاندا قەھۋە ئاستا- ئاستا ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. داۋاملىق سېغىز چايناش: بەزى كىشىلەر سېغىز چاينىغاندىن كىيىن ئىشتەي تۇتۇلۇپ، مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپ ئاجرىلىپ چىقسا ئاشقازان ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. تۇز ئىستېمال قىلماسلىق: ئورۇقلاش ئۈچۈن تۇز ئىستېمال قىلماسلىق خاتا قاراش. ئادەم ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا تۇز ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
7. مېۋە- چىۋىنى بەك كۆپ يېيىش: مېۋە- چېۋە يېيىشنىڭ ئەلۋەتتە ئورۇقلاشقا ئۈنۈمى بار. بىراق مېۋە- چىۋىدە قەنت تەركىبى بولغاچقا، ئۇزاققىچە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئوخشاشلا سەمرىتىۋېتىدۇ.