ئادەتتە 50 ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەردە مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە : 1) قان بېسىمنى تىزگىنلەش ، پات - پات قان بېسىمنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ، مۇناسىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . 2) مۇۋاپىق ، ئىلمىي غىزالىنىش ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . 3) بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ، پىيادە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلىش ، يېنىك بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن دائىم شۇغۇللىنىپ تۇرۇش كېرەك . 4) ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . 5) غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش ، كەيپىياتنى نورمال ساقلاش ، خىزمەت ، تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش تەرتىپلىك بولۇش كېرەك . 6) سۇنى يېتەرلىك ئىچىپ بېرىش ، بولۇپمۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا ، بىر پىيالە سۇ ئىچىپ بېرىش ، چاينى بەك قېنىق ئىچمەسلىك كېرەك . 7) ئولتۇرۇپ ، قوپقاندا ، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىكى ئورۇندىن تۇرغاندا ئاستا تۇرۇش ، ئويغىنىپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرماسلىق كېرەك . 8) سېرىق پۇرچاق ، خاسىڭ ، پىياز ، سامساق ، بېلىق ، شوخلا ، سەۋزە ، ئالما ، سۈت ، قوناق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك . 9) مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپىنچە كەچ كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ، بىر كېچە - كۈندۈز ئىچىدە ئادەتتە سەھەردە ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ~6 لەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ . شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .
|