پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • قان بېسىمىنى دورا ئىشلەتمەي تۆۋەنلىتىشنىڭ بەش خىل ئۇس ...
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  • كىشىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىڭ
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئائىلىدە داۋالېۋىلىشقا بولىدىغان ئۇششاق كېسەللىكلەر
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر
  • سۇ ئىچىشتىمۇ ئىلمىيلىك بار
  • ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتمەڭ
  • رۇھى ساغلامىلىقنىڭ ئۆلىچىمى
  • پۇت پۇراش ۋە تەرلەش
  • ساغلاملىق ۋە خوشاللىقنىڭ سىرى
  • ئۆي بېزەشتىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشقا سەل قارىماڭ
  • ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاي دېسىڭىز ...... ...
  • يەرلىك رېتسېپلار
  • دائىم زوڭزۇيۇپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق
  • مېۋىنى قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ
  • چىشقا زىيانلىق 20 خىل يېمەكلىك
  • يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قاندا ...
  • توغرا چىش چوتكىلاش پىرىنسىپى
  • قان بېسىم ۋە نەپەس - ئادەم بەدىنىگە ئالاقىدار قىسمەن سا ...
  •  
    بېدىنىڭ شىپالىق رولى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-12 ئاۋاتلىقى:24
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


     
        بېدە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇنى تېبابەتتە دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى ،شۇنداقلا يەنە مال -چارۋىلارغا يەم -خەشەك قىلىپ بەرگىلىمۇ بولىدۇ .ئۇ ئاسان ئۈنىدىغان ،يەر تاللىمايدىغان ،ئەڭ بالدۇر كۆكىرىدىغان ،باھاسى ئەرزان بولۇشتەك كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆسۈملۈك. تۆۋەندە ئۇنىڭ تېبابەتتە ئىشلىتىلىشىنى تونۇشتۇرىمىز.
        يىڭى بېدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە قۇرۇق ئىسسىق تۈپەيلىدىن بەدەن ئېغىرلاشقان ،قېنى بۇزۇلغان كىشىلەر يېڭى بېدە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ،ئۇلارنىڭ مىجەزى تەڭشىلىدۇ.
        بېدە تەركىبىدە ۋىتامىن A ،ۋىتامىن B ،ۋىتامىن C،ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار .يىڭى بېدە(بېدە كۆكى) قان كۆپەيتىش ،قان تەركىبىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ،قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە .ئۇ پۇت -قول تىترەش كېسەللىكلىرىگىمۇ شىپا بولىدۇ .بېدىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئادەمنىڭ يۈزى نۇرلىنىپ ،تېرىسى پارقىرايدۇ. قان بۇزۇلۇش سەۋەبى بىلەن بەدەن قىچىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يىڭى بېدىنى سوقۇپ ،بېدىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ بەدىنىگە سۈركەپ بەرسە ،قىچىشىش توختايدۇ. بېدىنىڭ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن بوۋاسىر يۇيۇپ بېرىلسە ،قان توختايدۇ. بېدىنىڭ سۈيى قورساقتىكى قۇرۇق ئىسسىق .قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان يەلنىمۇ ھەيدەيدۇ.
        بېدە مۇرابباسى تېخىمۇ ياخشى شىپالىق ئۈنۈمگە ئىگە .ئۇ ياشانغانلار ،ئاشقازان -ئۈچىيىدە يەل بار كىشىلەرنىڭ يېلىنى ھەيدەپ ،چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاچ چۈشۈش ،چاچ ئاقىرىش ،ۋە بالدۇر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بېدە مۇرابباسىنى مۇنداق تەييارلايمىز:
    بىر جىڭ يۇمران بېدىنى سايە يەردە قۇرۇتقاندىن كىيىن ،يۇمشاق سوقۇپ مەلۇم مىقداردىكى سۇدا(سۇ ئاز قالغۇچە) قاينىتىش ،ئاندىن كۆپۈكى ئېلىۋېتىلگەن ئۈچ جىڭ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. بېدە مۇرابباسى تاماقنىڭ ئالدىدا كۈنىگە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ. 

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398    272794174
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ