باش ئاغرىش ، قىزىش ۋە بەل - پۇت ئاغرىش ياشانغانلاردا بولىدىغان ئالامەتلەر . بەزى ياشانغان كىشىلەر قىزىتما ياندۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى يەۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كېسىلى يەڭگىللەشكەندەك ھېس قىلىدۇ . ماھىيەتتە تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ. ياشانغانلاردا قىزىش كۆرۈلسە ، سەل قارىماسلىق ، ئۇ ، كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇشىمۇ مومكىن . ئەگەر كېسەل سەۋەبى ئېنىقلانمىسا ، قىزىتما ياندۇرىدىغان دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك . بۇنداق قىلمىغاندا كېسەلنىڭ ۋاقتىدا بايقىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ . بەزىلەرنىڭ بەل - پۇتلىرى ئاغرىسا ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى يەنى ئاسپىرىن قاتارلىقلارنى ئىچىۋالىدۇ . بۇنداق دورىلار يېگەندىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىش ، ياندۇرۇش ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى ، ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەش ، ھەتتا روھىي جەھەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك ، كېسەل سەۋەبلىرىنى ئېنىقلىتىش كېرەك .
|