<<نيۇروك پوچتا گېزىتى>> دە ئىلان قىلنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: <<يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نيۇروك شەھىرىدىكى بىر يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ ئىشخانىدا ئۇخلاپ قالغان سۈرىتى تور تارقانغان، بۇنىڭدا بۇ رەئىسنىڭ ئىشخانىدا ئۇخلاردىغانۋە يىمەكلىك يەيدىغان ۋاقتى خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، بۇنى ئۇىڭ سەمرىپ كەتكەن ئەپتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن>>. ئۇنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ <<سېمىز مۈشۈك>> دېگەن لەقىمى بار ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئىككى سائەت خىزمەت قىلىدىكەن.
خەۋەردە يەەن مۇنداق دېيىلدى: <<بۇ ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى مارك روسېنھال بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نيۇيورك شەھىرىدىكى كۆك ياقىلىق ئىشچىلار ئەڭ كۆپ ئۇيۇشام ئىكەن. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارۋېن روببىنس مۇنداق دېدى: <<مارك روسېنھالنىڭ ھەر كۈنلۈك مەشغۇلاتى ناھايىتى قانۇنىيەتلىك، ئۇ چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىشخانىغا كەلگەندىن كېيىن چۈشلۈك تاماق يېيىشكە باشلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يوغان بىر ئىستاكان سودا سۈيى ئىچىۋېلىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئىككى سائەت ئۇخلىغاندىن كېيىن سائىتىگە قارىۋېتىپ، <يوللاردا قاتناش توسۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆيۈمگە بېىۋالاي> دەپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 دە ئىشتىن چۈشىدۇ>>. ھازىر مارك روسېنھالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 184.4 كىلوگىرام كېلىدىكەن. ئۇ 1998-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، يىللىق مائاشى 156 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 957 مىڭ يۈەنگە تەڭ) غا يېتىدىكەن.