ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرى سەنشىڭنىڭ پاتنىت ھۇقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قارار چىقارغان ۋە iPhone 4 نى چەكلىگەن

0 2013-06-06 11:00:36   163.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  جوشىن تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى چەتئەل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا خەلقىئارلىق سودا ھەيئەت ئەزاسى ITC مۇشۇ ھەپتىنىڭ 2-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى سەنشىڭنىڭ ئېلېكترون پاتنىت ھۇقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ كېسم چىقارغان.

  بۇ ھەيئەت ئەزاسى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بولغان مەھسۇلاتى ئالما iPhone 5 بىلەن تۆتىنچى ئەۋلاد iPad بۇ خىل قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن دېگەن.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلىگەن مەھسۇلات، ئامېرىكا تېلفۇن تېلېگىرامما شىركىتى AT&T تورىنىڭ iPhone بىلەن iPad ئۈسكىنىلىرى ، مەسىلەن iPhone 4、iPhone 3GS、iPad 3G、iPad 2 3G شۇنداقلا iPad 3 قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن. بۇ مەھسۇلاتلار بازارغا چىققىلى 1 يىل بولغان بولغان، لېكىن سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولغان مەھسۇلاتلار ئىكەن.

  ئىگەلىنىشچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىنقى 60 كۈن ئىچىدە يۇقىردىكى تىلغا ئېلىنغان چەكلەش بۇيرىقىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن. ئەگەر ئۇ خاتا بولغان ياكى ئېلىپ بېرىلىشى ئىنكار قىلىنغان بۇيرۇقلارنى تاللاپ قالسا بۇ چەكلەش بۇيرىقىنى دەرھال ئىناۋەتلىك قىلىپ يولغا قۇيىدىكەن. ئالما شىركىتى بۇ ئىشلارغا قارىتا يۇقىرى دەرجىلىك فىدىراتسىيە سوتىغا ئەرىز قىلسا بۇلىدىكەن.

  ئالما شىركىتى پات ئارىدا نارازلىق ئەرىزىنى سۇنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرىگە خەلىقىئارالىق سودا ھەيئەت ئەزاسى بۇرۇنقى ئالما شىركىتىگە پايدىلىق بولغان كېسىمىنى رەت قىلغان.

  ئالما شىركىتىنىڭ ئاخبارات ئۇچىرىنى ئېلان قىلغۇچىسى : ئالما شىركىتى توغۇرلۇق چىقىرىلغان بەزى ئىشلار ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا بولغان تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دېگەن. سەنشىڭ ئېلېكترون تەرەپلىرى، ھەيئەت ئەزاسىنىڭ قارارى شۇ شىركەتنىڭ پاتنىت ھۇقۇقىنى جەزىملەشتۈرگەنلىك دەپ قارىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博