ئەنگىلىيە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: <<سۇرىيەدىكى ئىككى يىللىق قورللىق توقۇنۇشتا 10 مىڭدەك بالا قازا قىلدى، بۇ ئۇرۇش يەنە 2 مىليون بالىنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېسسەل بولۇش، بالدۇر توي قىلىش ۋە ئېغىر يارىلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلدى>>.
سۇرىيەدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا تەخمىنەن 15 ياشتىن تۆۋەن 5500 سۇرىيەلىك ئۆسمۈر قالايمىقانچىلىقتا جېنىدىن ئايرىلغان، 901 ئوغۇل بىلەن 28 قىز قامالغان، 100 چە بالا يوقاپ كەتكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: <<لىۋىيەننىڭ پايتەختى بېيرۇت كوچىلىرىدا سۇرىيەلىك بالىلار تىلەمچىلىك قىلىش، سېغىز سېتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئاياغلىرىنى سۈرتۈش قاتارلىق ئاماللار بىلەن پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئۇرۇش ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ئىزنالىرىنى قالدۇردى. بۇ بالىلار ئون نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇرۇش ئازابىنى ئاندىن ئۇنتۇپ كېتەلىشى مۇمكىن>>.
ھازىر ب د ت تىزىملىغان سۇرىيەلىك مۇساپىر 1 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى بالىلار ئىكەن. ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 4 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان.