-ئاينىڭ 5-كۈنى <دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى> بۇ يىللقى ئاساسىي تېما <يىيىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تىجەشلىك بولايلى >دىن ئىبارەت .سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى 13مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ بۇلۇپ كېتىدىكەن .بۇنىڭ ئىچىدە تەرەقىي قىلغان دۆلەتلەردە تەخمىنەن 3توننا ئاشلىق ئىسراپ بۇلىدىغان بۇلۇپ بۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىر يىللىق ئىستىمال قىلىدىغان ئاشلىقىدىنمۇ كۆپ .تەرەقىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاشلىق ئىسراپ بۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تېخنىكىنىڭ نامۇئاپىق بۇلىشى ۋە مۇئاپىق بولمىغان ئىستىمال ھەركىتى .
گىرمانىيىنىڭ بېرلىندىكى بىر تاللا بازىرىدا مۇخبىر كۆكتات سۈت ،مېۋە -چىۋە ئېلىۋاتقان بايرۇن خانىمنى ئۇچراتقان بۇلۇپ ئۇنىڭ دىيىشىچە سۈت ۋە باشقا كونسىرىۋالىق يىمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇنراق بولغان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش كېرەككەن ،شۇنداق بولغاندا يىمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇپ ،ئىسراپ بۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن . بايرۇن خانىم <نۆۋەتتە گىرمانىيەنىڭ يىلدىن-يىلغا ئىسراپ قىلىدىغان يىمەكلىكى ئاشماقتا ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گىرمانىيە قىيىن ئەھۋالنى باشتىن كەچۈردى ، بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا يى،ەكلىكنى .ئىسراپ قىلىش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ،بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس >دېدى .ئەلۋەتتە ھەر بىر گىرمانىيىلىك بۇ خىل يىمەكلىك تىجەشكە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ -دە ،<گىرمانىيە ئىستىمالچىلار ھوقوقىنى قوغداش جەمىيىتى>نىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا گىرمانىيىدە ھەر يىلى ھەر بىر ئادەم 82كلوگىرام ئاشلىقنى تاشلىۋېتىدىكەن ،بۇنىڭ ئىچىدە 2/3يىمەكلىكنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن . ئىتالىيە <لىبورونىيە ئۈنۋېرستىتى>غا قاراشلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا قارىغاندا ئىتالىيىدە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر يىلى ھەر بىر ئادەم 76كلوگىرام يىمەكلىكنى ئىسراپ قىلىدىكەن ،ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ھەر يىلى تەخمىنەن 1693ياۋرۇ زىيان بولىدىكەن ،بۇ پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى %0.96تەڭ .تەخمىنەن %77ئىتالىيىلىك ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يىمەكلىك تاشلىۋېتىدۇ ،بۇ نىڭ ئىچىدە %48ئادەن يىمەكلىكنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايدىغان بۇلۇپ ئۇلار ئاشقان ،ئىسراپ بولغان يىمەكلىكلەرنى ھايۋانلارغا ياكى ئىئانە قىلىشقا بەرمەيدۇ .
گىرمانىيە ۋە ئىتالىيىەگە ئوخشاش يىمەكلىكنى ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى تەرەقىي قىلغان دۆلەتلەردە ئۇمۇمىييۈزلۈك ئەھۋال بۇلۇپ قالدى ،تەخمىنەن 13توننا يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىستىمال جەريانىدا ئىسراپ بۇلۇپ كېتىدىكەن ،يۋرۇپا ئىتپاقىدىكى 27دۆلەت 89مىڭ توننا ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىدىكەن ،مۇ شۇ سۈرئەت بويىچە بولغاندا 2020يىلى ئىىسراپ بولىدىغان يىمەكلىك %40ئاشىدىكەن .