ياپونىيە. ئامېرىكا، كورىيە 1-ئىيۇن چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى توسۇشقا ھەمدە چاشيەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى چەكلەشكە بىردەك قوشۇلدى. ياپونىيە قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ باش ۋەزىرى ئومو تېراگو، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خاگېل ۋە كورىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كۇنجىن سىنگاپوردا ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: << قارىشىمىزچە، چاۋشيەنىنڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئۆتكۈزگەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، شۇنداقلا يەنە بۇ يىل فېۋرالدىكى 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئەمەلىيەتتە شەرقىي شىمال ھەمكدە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى>>.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: <<ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى چاۋشيەندىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا بەلگىلەنگەن يادرو قورالى ھەمدە يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىنى ئدا قىلىشىى تەلەپ قىلدى>>.
ئونو تېراگو كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: <<بىز ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ چاۋشيەنگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئورتاق قاراش ھاسىل قىلدۇق>>.
سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك ئاسىيا خەۋپسىزلىكى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان كورىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئامېرىكىىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: <<ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق چاۋشيەن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ ئۇنى خەلقئارا جەمىئىيەتتە يېتىم قالدۇرىدۇ خالاس. ئۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ھەرىكىتىى توختىتىپ سۆھبەتلىشىش يولىنى تاللىشى كېررەك>>.
ئىككى تەرەپ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇانسىۋىتىنى يولغا قويۇپ چاۋشيەننىڭ تەھدىت كۈچى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا قارىتىلغان بىرلەشمە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو ۋە مۇنتىزىم قورال-ياراغ بىلەن قوزغىغان تەھدىتىگە ئۈنۈملۈلك تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە كېلىشكەن.
سىنگاپوردا ئۆكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىتئەسى خەۋىپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان كورىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كۇانجىنۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خاگېل 1-ئىيۇن <<بىرلەشمە جەڭ رايونى قوماندانلىق ئىشتابى>> قۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا 2015-يىلى دېكابىر ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى كورىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، كورىيە-ئامېرىكا <<بىرلەشمە ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق ئىشتابى>> قۇرۇپ نۆۋەتتىكى بىرلەشمە قوماندانلىق يۈزۈلمىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
<<بىرلەشمە جەڭ قوماندالىق ئىشتابى>> نىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ائمېكرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشدىن ئۈمىد بار، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەڭگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى كورىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى كورىيە يېرىم ئارىلدا چاتاق چىققاندا ئارمىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىدۇر. كورىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقى دائىملىق ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئوقوقى، دەپ بۆلۈنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق ئۇرۇشقا قوماندانىلىق قىلىش ھوقۇقىنى كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئورنىنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئىجرا قىلىدىكەن، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى كورىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىكەن.