ئەنگىلىيەدە كىشىلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0 2012-04-27 12:39:05   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       ئەنگېلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 26-ئاپرېل خەۋىرىگە قارىغاندا ، لوندونئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا ، لوندوندا بىر توپ نامايىشچىلار نەچچە كۈن ئىلگىرى ئادەم بەدىنىڭ قان تومۇرلىرى  ، مۇسكۇل سۈرىتى بېسىلغان ئىچ كىيملەرنى كىيىپ لوندون كوچىلىرىغا چىقىپ ، كىشىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قان تەقدىم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان .
     خەۋەردە چۈشەندۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى : نامايىشچىلارنىڭ بەدەن سەنئىتى ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ قان تەقدىم قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش . ئەنگېلىيە دۆلەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتى سېستىمىسى (
NHS) غا ئاسالانغاندا ، ئەنگېلىيە قان ئامبېرىنىڭ ئامبار زاپىسى %30 ئاشۇرىلىشى كېرەككەن ، بۇ كۈندىلىك  سەۋىيەدىن يۇقىرى . بۇنداق بولغاندا بۇ يىل يازدىكى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن .     
    گەرچە شۇ كۈنى ھاۋا ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئازراق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ ، نامايىشچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى . ئۇلار يەنە ئاددى پۇقرالار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博