دۇنيادىكى ۋەھشىي زەھەر كاتتىۋېشى ئامېرىكىدا سوتلاندى

0 2012-04-27 12:19:30    جۇڭگو خەۋەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

  چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا مېكسىكا زەھەرلىك چېكىملىك كاتتىۋېشى گۇزمان 14 تۈرلۈك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا لوس ئانجېلىستا سوتلاندى. ئۇنىڭ جىنايەتلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ، قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە قاتىللىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، قاتىللىق قىلىش ، تۇتقۇن قىلىش ، قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلار گۇزمان(Guzman) جىنايەت گۇروھىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆت چوڭ ئىقتىساد مەنبەسى ئىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە ، گۇزماننىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.7 مېتىر ، كۆپ قېتىم مېكسىكا زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ قولىدىن قېچىپ كەتكەن . ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ كوترول قىلغان مەبلىغى بىر مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن . بۇندىن بۇرۇن ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى گۇزماننى ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ يامان زەھەر ئەتكەسچىسى›› دەپ ئاتىغان.
   ئىگىلىنىشىچە گۇزمان ئۆزى ھازىر مېكسىكىنىڭ سىنالوئا شىتاتىدا يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇپ ، شۇ جايدىكى قەبىلە تەرىپىدىن قوراللىق قوغدىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博