25-ئاپرېل ۋارشاۋا گۇۋۇيۈن زۇڭلىسى ۋېن جىياباۋ 25-ئاپرېل ۋارشاۋادا پولشا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋېن جيياباۋ پولشا پرېزىدېنتىغا رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ سەمىمى سالىمى ۋە ئوتلۇق تېلىكىنى يەتكۈزدى. ۋېن جىياباۋ مونۇلارنى كۆرسەتتى:پولشا ئۇزۇن تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپانىڭ مۇھىم ئەزاسى. جۇڭگو-پولشا ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا تەرەققىيات يولىنى تاللىغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن سىياسى، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم تۇنۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-پولشانىڭ سىتىراتىگيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەم شۇنداقلا جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققى قىلىشىدا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پولشا پرېزىدېنتى ۋېن جىياباۋدىن رەئىس خۇجىنتاۋغا سەمىمى سالام ۋە ياخشى تېلەكلەرنى يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پولشا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر دوستلۇقى بار، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپىقىيەتلىرىگە قايىل. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلدى. پولشا-جۇڭگو دۆلەت ۋە مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچىمەكتە، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئالسا بولىدۇ. پولشا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخىت يارىتىشنى خالايدۇ. پولشا ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپا ۋە جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ياۋروپا-جۇڭگونىڭ سىتىراتىگىيىلىك شېرىكلىك موناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئىجابى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
گوگىل ئادەمسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى...
ئىران غەربنىڭ يېڭى جازاسى يادرو سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ...
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نامرات ناھىيە ئوقۇغۇچىل...
شىنجاڭدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىر...
قىزىل رەقەم ئېغىرلاشقان ئۆزبىكىستان مۇئاش ئورنىغا چۈجە تار...