Wall Street Journal نىڭ دېيىشىچە گوگىل بۈگۈن دېترويتتا بۇ خىل تېخنىكىغا قىزىقىدىغان ماشىنا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەجرىبىخانىدىن ئىلىپ چىقىپ ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قۇلىغا تاپشۇردى .
گوگىل 2010-يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل تېخنىكىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ ئەڭ يىڭى بولغان سىنغا ئىلىش توپلاش سىستېمىسىنى ۋە 200000 مېتىرلىق رادار سىزىش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن .ھەم تېخىمۇ ئىلغان بولغان لاھىيەلەرنى ئىزدىمەكتە .
ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن باشقا يەنە گوگىلنىڭ ئۆزىمۇ بۇ قېتىملىق يول ئۈستىدىكى سىناشقا قاتناشتى .گوگىلنىڭ دېيىشىچە بۇ خىل تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىك سىناق ۋە سۇغۇرتا ئورگانلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن .
لېكىن ھازىر BMW,Audi،Toyota قاتارلىق كارخانىلار ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ خاس كونترول سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى .لېكىن گوگىلنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەڭ تىز ۋە كۆرۈنەرلىك بولماقتا .Anthony Levandowsk مۇنداق دېدى : بۈگۈن بىز دوستلارغا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر تېخنىكىنى ئىلىپ كەلدۇق ، بىز تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ سىناققا قاتنىشىپ ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ سىستېمىنىڭ دەسلەپكى باھاسىمۇ كىشىلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتى .گوگىل بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە رەسمىي تۈردە قوللىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
گوگىل ئادەمسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى...
ئىران غەربنىڭ يېڭى جازاسى يادرو سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ...
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نامرات ناھىيە ئوقۇغۇچىل...
شىنجاڭدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىر...
قىزىل رەقەم ئېغىرلاشقان ئۆزبىكىستان مۇئاش ئورنىغا چۈجە تار...
ئافغانىستاندىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى ...