ئامېرىكىنىڭ ئىككى سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ ئىككى مۇخبىر قىزلىرىنىڭ زور پەرقى

184 2012-04-23 10:54:29   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كىچىك بۇشنىڭ قىزى جەننا  ھەممىدىن بەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن مۇخبىر.


كىلىنتوننىڭ قىزى چېرىش بولسا «دۇنيادىكى ئەڭ لاۋزا مۇخبىر»دېيىلگەن.
  ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ 30ياشلىق قىزى جەننا بىلەن كىلىنتوننىڭ 32ياشلىق قىزى چېرىس كېلىشىۋالغاندەكلا NBCنىڭ مۇخبىرلىقىنى قىلغان،ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان پروگراممىلارنىڭ مۇخبىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
  ئىچكى كىشلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە،ئىككىلىسى «قىممەتلىك قىزلار»بولغان بىلەن تېلىۋىزوردا ھەم كىشلەر ئالدىدا بەرگەن تەسىرى قارىمۇ-قارشى،قوللاش ھەم تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇش نىسبىتىمۇ شۇنداق،كىچىك بۇشنىڭ قىزى جەننا بەكمۇ شوخ ھەم ئوچۇق چىراي بولغاچقا كىشلەر ھەم تاماشىبىنلار ئۇنىڭغا بەك ئامراق،بۇنىڭ ئەكىسچە كىلىنتوننىڭ قىزى چېرىسنى كىشلەر بەكلا مەززىسى يوق كىشىنى جەلپ قىلالمايدۇ دېگەن.جەننا بولسا NBCدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
   بۇ ئىككى خانقىزنىڭ زور پەرقى نۇرغۇن كەسىپ ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان،قايسىلا تەرەپتىن ئالسا چېرىسنىڭ شارائىتى جەننادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،پۈتتۈرگەن مەكتىپى بولامدۇ،ياكى ئىلمىي ئۇنۋان جەھەتتىن بولامدۇ،تاشقى قىياپەتتە بولامدۇ ھەممىسىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ،چېرىس بەكمۇ ئەدەپ-قائىدىلىك ئىلمىي قىز،جەننا بولسا ئويۇنچى ناھايىتى شوخ قىز.لېكىن تېلىۋىزوردا چېرىسنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقلىرى پۈتۈنلەي يېپىلىپ قالغان.
   بۇ ئىككى خانقىز نۆۋەتتە ئاستىرتىن ئېلىشىۋاتىدۇ،چېرىس خىزمەتتە شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ،تەسىرى بولامدۇ ھەرجەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان،ئۇنىڭ ئورنى شۇ پېتى ئۆزگەرمىگەن.NBCنىڭ باشقۇرغۇچىسى قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمىغان ھالدا چېرىسنى NBCدىكى نەتىجىسى يوق دېيەرلىك،گەرچە ئۇ شۇنچە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،بىزنى بارغانسىرى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتىدۇ،ئۇ NBCدىكى تۆمۈر تاۋىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىۋاتىدۇ دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博