شىنخۇا تورىنىڭ 18-ئاپرېل تېلگراممىسى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ‹‹پاي چېكى شاھى›› ۋاررىن باففېت 17-ئاپرېل بېركشىرې خاسۋېي شىركىتىنىڭ پايچېكلىرىگە يازغان خېتىدە ، ئۆزىنىڭ مەزى بېزى راكىغا گرېپتار بولغان دەپ دېئاگنۇز قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان . لىكىن ئۇ خېتىدە يەنە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىر كەيپىياتىنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكى ، دوختۇرنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تېخى ھاياتى خەۋپى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈدى .
باففېت خېتىدە ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى مەزى بېزى راكىغا گرېپتار بولغان دەپ دېئاگنۇز قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى . دوختۇرلار بۇيىل 7-ئايدىن باشلاپ ئىككى ئايلىق رادىئاتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى قارا قىلغان .‹‹بۇ مەزگىلدە مىنىڭ باشقا جايغا بېرىشىم چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، لىكىن كۈندىلىك خىزمىتىمدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ .››
بۇنىڭدىن باشقا ،باففېتيەنە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تېخى كېڭەيمىگەنلىكى ، ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتقان . ‹‹ھازىر مېنىڭ ئەھۋالىم بۇرۇنقى ساغلام ۋاقتىمدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ،كۈچ-قۇۋۋىتىم يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . ››
ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى جەمىيىتىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، ئەگەر بىرىنچى قاراردىكى مەزى بېزى راكى كېڭەيمىسە ، كېسەل داۋالانغاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدىكى ياشاش نىسبىتى %100گە يېقىنلىشىدىكەن.