4-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى جىمسار چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ پونكىتتا زور بىر ئەتكەسچىلىك دېلوسى پاش قىلىنغان بولۇپ قانۇنسىز ئىلىپ مىڭىلغان 876 بۆكەن مۈڭگىزى، 998 سېگارت ۋە 3 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن. دېلوغا چېتىشلىق سومما 20 مىليۇن يۈەنگە يېتىدىكەن. ئەتكەس سېگارت بايقالغاندىن كېيىن، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر - ئوفىتسېرلار نەق مەيداننى تېزلىكتە كونترول قىلىپ، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ھەربىي كۈچلەرنى تەڭشەپ بۇ نۆۋەتلىك ماشىنىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن. ماشىنا ئاستىغا قۇيۇلغان قۇيۇلغان مۇھىم جاينى تەكشۈرۈۋاتقاندا ،ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر ئىككى ماي باكنى بايقىغان بولۇپ، بىر ماي باكى گۇمانلىق ئىكەن.
يېشىكنى ئېچىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، يېشىكتە زور مىقداردا بۆكەن مۈڭگۈزى بارلىقى بايقالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يىشىكتە 876 بۆگەن مۈڭگۈزىنىڭ بارلىقىنى، ئېغىرلىقىنىڭ 162.2 كىلوگرامغا يېتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان. نۆۋەتتە دېلو ئالتاي تاموژنىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ