ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 69 تۈرىدە ئىش باشلاندى

156 2012-04-06 11:47:38   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى مەبلەغ سالىدىغان تۈر 368 بولۇپ، ھازىر 69 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تارىخىدا ئىش باشلانغان تۈر ئەڭ كۆپ، ئىش باشلانغان ۋاقىت ئەڭ بالدۇر، مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان بىر يىل بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى سىناپ كۆرۈشكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. تېخى ئىش باشلانمىغان تۈرلەرنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، بالدۇر ئىش باشلاش، ھەقىقىي ئىش باشلاش كېرەك. داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تۈرلەرنى ياخشى قۇرۇش، رايونلار ۋە ناھىيە نىشان، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە چۈشۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博