ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى

48 2012-04-05 11:33:49   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى» 4 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرساھەنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە بولغان يېڭى تونۇشى ۋە ئۆتكەن بىر مەزگىلدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە ئاسراش ئەمەلىيىتىدە يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ. «چارە»دە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆسەتكۈچىلەرگە يەتكۈزىدىغان «خەۋپ»ىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

«چارە»دە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تېخىمۇ مۇۋاپىق ئېنىقلىما بېرىلدى. ئىلگىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر خەنزۇ قىزنى قۇتقۇزۇۋالغان ئۇيغۇر يىگىتى غېنى جۈمە، قاتىل جىنايەتچىنى باتۇرلۇق بىلەن تۇتقان ئاپتوبۇس شوپۇرى گۇڭ لىخۈي، قوراللىق بۇلاڭچى بىلەن ئېلىشقان خۇالىڭ بازىرىنىڭ ئىشچىسى جيا خۇڭچى قاتارلىقلارنى ئېسىگە ئالاتتى. لېكىن ھازىر ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. گەرچە باشقا شەكىلدىكى ھەرىكەتلەر، مەسىلەن، خەۋپ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىمۇ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە تەۋە بولسىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. «چارە» گە ئاساسلانغاندا، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە كىرگۈزۈپ، مۇكاپاتلىسا ۋە قوغدىسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىدۇ ۋە ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

«چارە»دە، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش جەريانىدا يارىلانغانلار، مېيىپ بولۇپ قالغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوغدالدى. ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئوينىغان رولى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. لېكىن، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئىلگىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بىر قىسىم ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش جەريانىدا يارىلانغانلار، مېيىپ بولۇپ قالغانلار يېتەرلىك تولۇقلىمىغا ئېرىشەلمىدى. ھەققانىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالنى باشقىلار كۆرسە ئىچى ئېچىشىدۇ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرمۇ كۆڭلىدە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. «چارە»دە تولۇقلىما شەكلى ۋە تولۇقلىما پۇل  مەنبەسىگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئىشىنىمىزكى، قەھرىمانلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمەيدۇ.

«چارە» قاقتى  -  سوقتى قىلغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەردە «لېي فېڭ»نى قاقتى - سوقتى قىلىدىغان خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى. باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتماي، ئەكىسچە ئۇلارغا قارا چاپلايدىغان ئەھۋاللار جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. «چارە»دە بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەت ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋالنى تەكشۈرۈشى، قاقتى  -  سوقتى قىلغانلارنى ئاشكارىلىشى ۋە ئۇلارنى جازالىشى بەلگىلەندى.

«چارە» دە تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ قائىدە نىزامى شەكلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار «چارە»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ھەممە كىشى بىرلىكتە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش» ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博