« دېھقانلار ھەپتىلىك گېزېتى» دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقتى

322 2012-04-02 12:14:35   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       دېھقانلار ھەپتىلىك گېزىتى بېسىپ تارقىتىلغاندىن  بۇيان، ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپ، مەزمۇنىنىڭ سەرخىل، ئۈنۋېرساللىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ناھىيەدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.

چارىباغ يېزىسىنىڭ پوچتالىيونى توختىنىياز مەمتىلى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈن كەلگەن گېزىتلەر ئارىسىدىن شىنجاڭ گېزىتى • دېھقانلار ھەپتىلىك گېزىتىنى ئايرىپ ماشىنىسىغا بېسىپ، كەنتلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

دېھقانلار ھەپتىلىك گېزىتى كەڭ دېھقان چارۋىچىلارنى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقان چارۋىچىلارغا قاراتقان تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، ئەمەلى قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسى، قانۇن، ساقلىقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى، تۇرمۇش ساۋادلىرى ۋە مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن ئىچى سىرتىدىكى چوڭ ئىشلار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ھەقسىز تارقىتىلىدىغان گېزىت بولۇپ، دېھقانلار تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، ناھىيەمىزدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇلاپ ئوقۇيدىغان نەشر ئەپكارىغا ئايلاندى.

چارىباغ يېزا گۈزە توغراق كەنتىدىن دېھقان ھەسەن ئىمىننىياز مۇنداق دېدى: بۇ گېزىت ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، دېھقانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپكەن، بۇ گېزېتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博