چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ دادلىي رايونىدا ئولتۇرىدىغان بىر جۈپ قوشكېزەك ئاچا- سىڭىل كېئىن بىلەن رېمىينىڭ تەقى- تۇرقى ئوخشىسىمۇ تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدىكەن. كېئىننىڭ تېرىسى قارا، كۆزى قوڭۇر رەڭدە، رىمىينىڭ تېرىسى ئاق، ئالتۇن چاچ بولۇپ، كۆزى كۆك ئىكەن. تېرىسى ئاق، قارا بولغان بۇنداق ئاچا سىڭىللارنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقى ئارانلا مىليوندىن بىر ئىكەن.
بۇ ئاچا سىڭىللار ھازىر يەتتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، بىرىنىڭ قارا، بىرىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسلى قوشكېزەك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بىر قارا، بىر ئاق قىزلارنىڭ تۇغۇلۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن.
ئۇلارنىڭ ئانىسى كېررىي ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: مەن دەسلەپ ئۇلارنىڭ چىرايلىق جۈپ كۆزلىرىنى كۆرگەن، رىممىي ئالتۇن چاچلىق، كۆك كۆزلۈك بولۇپ، كېئىننىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى قېنىقراق ئىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلاردىكى پەرىقلەر بارغانسېرى روشەن كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
كېررىينىڭ دىيىشىچە، قىزلىرىنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى قارا ئەبنۇس ۋە پىل چىشىغا ئوخشايدىكەن، ئۇلار گەرچە باشقىلانى سەل ئەجەپلەندۈرسىمۇ، ئەمما ئاچا- سىڭىل ئىككەيلەننىڭ ھىسسىياتى ناھايتى ياخشى بولۇپ، ئۆز- ئارا ئىناق ئۆتىدىكەن. كېررىي يەنە: " بىر قېتىم، ئۇلار تەڭلا چۈشكۈرگەن ئىدى، بەك قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتى" دىگەن.