31-مارت 15دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ باۋشەن يولى چىقىش ئېغىزى ئەتراپىدا، بىر سانجىغا قاراپ يولغا چىققان ئۈرۈمچى - سانجى يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇسىغا تۇيۇقسىز ئۆزلىكىدىن ئوت كەتتى، بەختكە يارىشا، شوپۇر ۋاقتىدا ۋەقەنى بايقاپ، ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
بۇ ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى گو ئۇستامنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئۇ ئاپتوبۇس ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال ئالمىشىش ئېغىزىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، ئون مىنۇتقا بارمايلا، ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ئاپتوبۇستىكى 33 يولۇچىنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ، ئاپتوبۇسنى يولنىڭ بويىغا توختاتقان.